خىتاي بۇ يىللىق نىشانىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى

خىتاي بۇ يىللىق نىشانىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بۇ يىللىق پىلاندىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئېشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
گەرچە ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، خىتاي ئىقتىسادىدىكى جىددىيلىك نىسبەتەن پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا چېكىنىشكە يول قالدۇرۇپ قويغان.
خىتاي يەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يىلى خىتاينىڭ 11 ئۆلكىسى يىللىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. 22 ئۆلكە بۇ يىللىق پىلانىدىكى GDP (جى دى پى) ئېشىش نىسبىتىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن تۆۋەنلەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭدۇڭ پىلانىنى %6.5تىن %6كە چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللىق GPD ئېشىش نىسبىتى %6.1 بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. رويتېر ئاگېنتلىقى ئانالىزچىسى بۇ ھەقتىكى مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغان تەقدىردىمۇ، بۇ يىللىق ئېشىش نىسبىتىنىڭ %5.9تىن ئاشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 500 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق