خوڭكوڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قەدەممۇ قەدەم چەكلىمەكتە

خوڭكوڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قەدەممۇ قەدەم چەكلىمەكتە
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭدا ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان يېڭى يىللىق كەچلىك بازاردا سىياسىي تەشۋىقاتلار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.
خوڭكوڭدا يەتتە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نامايىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يېڭى يىللىق كەچلىك بازار ۋېكتورىيە باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرى تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى سېتىشنى چەكلىگەن. بۇ سەۋەبلىك بازارغا كەلگەنلەرنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەنىلا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشقان.
بۇ قېتىملىق بازاردا كىتاب، خاتىرە بۇيۇمى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىش چەكلەنگەچكە، بازادىن ئورۇن ئالغان بىر قىسىم تەشكىلاتلار گۈل سېتىش ۋە ئۇنىڭغا باغاقچىلەرنى قوشۇپ تارقىتىش ئارقىلىق، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلىگەن.
ئۇندىن باشقا ئىككى يايما خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېزەلگەنلىكى ئۈچۈن بازار ئېچىلىشتىن بۇرۇن بۇزۇۋېتىلگەن. ئالاقىدار زاتلار خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قەدەممۇ قەدەم چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 610 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2020 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق