خەلقئارالىق سوت ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ھەققىدە قارار چىقاردى

خەلقئارالىق سوت ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ھەققىدە قارار چىقاردى
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت خەلقئارالىق سوتى 23-يانۋار قارار ئېلان قىلىپ، بىرما ھۆكۈمىتىنى ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.
بۇلتۇر 11-ئايدا گامبىيە ب د ت ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ 1948-يىلى ب د ت دا ئىمزالانغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش كېلىشىمنامىسى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئاراكان خەلقىگە قەتلىئام يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
17 سوتچىنىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن ئالىي سوت قارارنامىسىدە بىرما ھۆكۈمىتىدىن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئاراكاندىكى زىيانكەشلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۆت ئاي ئىچىدە بۇ ھەقتە دوكلات يوللاش تەلەپ قىلىنغان.
بىرما ئالىي رەھبىرى ئاڭسان سۇكى بۇندىن بۇرۇنقى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئاراكان خەلقىنىڭ زواۋانلىق قىلمىشلارنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارالىق سوتنىڭ چىقارغان قارارىغا قايتىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا بولمايدىكەن. ئەمما بۇ قارارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچى يوق ئىكەن.

بۇ خەۋەر 21167 قېتىم كۆرۈلدى
24/01/2020 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق