خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيەگە ئىشلەمچىلىرىنىمۇ قوشۇپ ئەكەلمەكتە

تۈركىيەنىڭ دۇرۇس خەۋەر تورى 19-نويابىر «خىتايلار تۈركىيەنى تېزلىكتە ئىگىلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك قىسقا خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى شىركەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى بولغان تيەنخۇڭ گۇرۇھى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى باشيازىجى ئوغلى توقۇمىچىلىق شىركىتىنى بارلىق ئەسلىھەلىرى بىلەن قوشۇپ سېتىۋالغان. ئەمما بۇ شىركەت يەنە خىتايدىن نۇرغۇن خىزمەتچى، ئىشلەمچىلەرنى ئەكەلگەن.
خەۋەردە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن توختىماي مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئىشلەمچىلەرنى كۆپلەپ يۆتكەپ ئەكەلگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي شىركەتلىرىدىن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاز دېگەندە %57ى خىتاي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇلاردىن سىرت، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ يېڭى نوپۇس سىياسىتىدىن پايدىلانغان خىتايلار كۆپلەپ تۈركىيەگە ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچىيىشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 420 قېتىم كۆرۈلدى
23/01/2020 18:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق