بىرما ھۆكۈمىتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلدى

بىرما ھۆكۈمىتى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلدى
17-يانۋار مەركىزى تايلاندقا جايلاشقان «ھوقۇق كۈچەيتىش» تەشكىلاتىنىڭ (Fortify Rights) ئاشكارىلىشىچە، بىرما ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرمالىق ئەمەلدارلارنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى «بېنگاللىق» دەپ كۆرسىتىدىغان ماتېرىيالنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش يولىغا قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ باڭلادىشتىن پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ سانى 900 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بىرما ھۆكۈمىتى يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

بۇ خەۋەر 20195 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2020 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق