ئەنقەرە مىسىرغا نارازىلىق يەتكۈزدى

ئەنقەرە مىسىرغا نارازىلىق يەتكۈزدى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى سەۋەبلىك مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە ۋەكىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتىلغان.
خەۋەردە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاھىرەدىكى ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك مىسىرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە ۋەكىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى، تۈركىيە بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ئۆزئارا دىپلوماتىك ۋەكىل تۇرغۇزۇش سەۋىيەسىدە داۋاملاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىسىر ساقچىلىرى 15-يانۋار ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ قاھىرەدىكى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، جەمئىي تۆت خىزمەتچىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كەتكەن. ئىشخانىغا كەچ سائەت ئالتە ئەتراپىدا كىرگەن مىسىر ساقچىلىرى كۆزىتىش كامېرالىرى ۋە تورنى تاقاپ، ئەتىگەنگىچە ئىشخانىنى تەكشۈرگەن. خىزمەتچىلەرنىڭ پاسپورت، يانفون ۋە كومپيۇتېرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن مىسىر ساقچىلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئادۋوكاتىغا خىزمەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 15392 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2020 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق