شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى گېرمانىيەدىكى ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى گىرمانىيەدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە بۈگۈن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 1-ئاينىڭ 12 -كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بىر سورۇندا خىتاينىڭ قورچاق غالچىسى، مىللىي مۇناپىق شۆھرەت زاكىرنىڭ گېرمانىيەدىكى سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى قاتارلىق بىر قىسىم تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇم ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى بىزنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىمىز.

دۇنيادا ئۆز ۋەتەن-خەلقىگە خائىنلىق قىلىشتىنمۇ ئېغىر پەسكەشلىك بولمىسا كېرەك. نەچچە مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ زۇلۇم تارتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بەزى پەسكەش، قېنى بۇزۇق ئىنسانلار ئىچىدىن دۈشمەنگە يالاقچىلىق قىلىپ، ئۆز خەلقى ۋە خەلقنىڭ رەھبەرلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرىدىغان پەسكەش، مۇناپىقلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ مۇناپىقلار ھەر ئىككى دۇنيادا جازاسىنى تارتىدۇ. خىتايغا غالچىلىق قىلىۋاتقان شۆھرەت زاكىرمۇ خىتايلار بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ئاقىۋىتى نۇر بەكرىگە ئوخشاش بولىدۇ. مۇناپىقلارغا ھەر ئىككى دۇنيادا ياخشى ئاقىۋەت يوق، خەلق ئۇلارنىڭ 70 پۇشتىغىچە نەپرەت بىلەن قارايدۇ.

ئەركىنلىك مەركىزى بولغان ياۋروپا ئەللىرىدە تۇرۇپ، يەنە دۈشمەن ئۈچۈن يالاقچىلىق قىلىۋاتقان قېنى بۇزۇق مۇناپىقلارغا رەھبەرلەرگە تەھدىت سالالايدىغان جاسارەت نەدىن كەلدى دېگەندە، خەلقىمىز ئۆز رەھبەرلىرىگە ئىگە چىقماي يالغۇز تاشلاپ قويغانلىقى سەۋەب بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بىر قىسىم مۇناپىقلار خەلقنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئىگە چىقمىغانلىقىدىن يۈرىكى يوغىناپ، ئۇلارغا ۋارقىرىيالايدىغان، ئۇرالايدىغان، تەھدىت سالالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى غەپلەتتىن ئويغىنىشى، رەھبەرلىرىگە، تەشكىلاتلىرىغا، دەۋاغا ئىگە چىقىشى، دۈشمەنگە پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك!

بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ قورچاق غالچىسى، مىللىي مۇناپىق شۆھرەت زاكىر ۋە ئۇنىڭ گېرمانىيەدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ھۇجۇم قىلغان يالاقچى تۇغقانلىرى قاتارلىق پۈتكۈل مىللىي مۇناپىقلارغا غەزەپ-نەپرىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ئۇ مۇناپىقلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە بولماسلىققا، سالام بەرمەسلىككە چاقىرىمىز».

بۇ خەۋەر 1085 قېتىم كۆرۈلدى
15/01/2020 22:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق