ئامېرىكا خۇاۋېينى تاللاش مەسىلىسىدە ئەنگلىيەگە تەھدىت سالدى

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئاي ئاخىرىدا خۇاۋېينىڭ 5G (بەش جى) تورى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ھەقىدە قارار چىقىرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ھەقتە ئەنگلىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېينىڭ 5G تورى تېخنىكىسى ئەنگلىيەدە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ جاسۇسلۇق ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما قوللىغۇچىلار خۇاۋېينى پۈتۈنلەي چەكلىگەندە تېخنىكا تەننەرخىنىڭ نەچچە مىليارد دوللار ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئاخبارات ھەمكارلىقىنى توختىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئەنگلىيە ئەگەر خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزسە، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئاخبارات ئورتاقلىقىدىن مەھرۇم قالىدىكەن.

بۇ خەۋەر 12885 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 05:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق