يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئالاقىدار خەۋەر ھەققىدە بايانات

يىغىۋېلىش مەركىزىگە ئالاقىدار خەۋەر ھەققىدە بايانات

29-دېكابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان خىتاينىڭ يىغىۋىلىش مەركىزى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «بۈگۈن خىتاي تاراتقۇلىرىدا يىغىۋېلىش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلغان. ئەمما بۇ خەۋەرلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى خىتايلار 1991-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان، ئىپپىتىنى ساتقان ۋە پاھىشىۋازلىق قىلغانلارنى يىغىپ تەربىيەلەيدىغان ۋە ئەمگەككە سېلىپ ئۆزگەرتىدىغان يىغىۋېلىش ئورنى (收容教育) بولۇپ، مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچە بولغان مەركەزلەردۇر.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پەقەتلا جازا لاگېرلىرىنى مەركەز قىلمايدۇ!

خىتاي جازا لاگېرىدىن بۇرۇنمۇ تۆۋەندىكىدەك كۆپلىگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن:

ھەرخىل قەتلىئاملار

ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكەتلىرى

خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش

دىنىي ھايات، ئىبادەت، كېيىم-كېچەك چەكلىمىلىرى

پىكىر-تەلەپ ئەركىنلىكى چەكلىمىلىرى

ساياھەت چەكلىمىلىرى

ئانا تىل مائارىپ چەكلىمىلىرى

دىنىي مائارىپ، ھەج ۋە ئۆمرە چەكلىمىلىرى

مىللىي نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش

يەرلىك خەلققە قارىتىلغان ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر

مال-مۈلۈكلەرنى قانۇنسىز مۇسادىرە قىلىش

دىنىي ۋە مىللىي ئىسىم چەكلىمىلىرى

ھالال-ھارام ئۇقۇملىرىغا چەكلىمە قويۇش

خىتاي ئەرلەرنى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش

ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا زورلاش

ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش

يەنە نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەردىن تاشقىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى بۇ جىنايەتلەرنىڭ باش سەۋەبچىسىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ قولىدىلا بولىدىكەن ۋە بۇ ئىشغالىيەت داۋام قىلىدىكەن، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى جىنايەتلىرى، جازا لاگېرلىرى، دۆلەت تېررورلۇقى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ.

بىز قىزىل ئالما ئارزۇيىمىزغا يەتكەنگە قەدەر بۇ كۈرەشتىن ھەرگىز بوشىشىپ قالمايمىز!»

بۇ خەۋەر 690 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2019 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق