قاشىقجى دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

قاشىقجى دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى غۇلغۇلا قوزغىدى
24-دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ژۇرنالىست جامال قاشىقجى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىر جامال قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلىشىدە جاۋابكارلىقى ۋە قولى بار بولغان بارلىق گۇماندارلارنىڭ تولۇق سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى، سوتنىڭ ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇشىغا ئوخشاش باشقا قائىدىلەرنىمۇ ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تىۋىتتېردا تارقاتقان ئۇچۇرىدا سەئۇدى ئەرەبىستان سوت مەھكىمىسىنىڭ قاشىقجى جىنايىتى ئۈستىدە ئايلاپ داۋاملاشقان مەخپىي سوتلاردىن كېيىن، تۈنۈگۈن بىر شەرمەندىلەرچە قارار ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فاھرەتتىن ئالتۇن ئۇچۇردا يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: «جىنايەت گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا يوللىغان ۋە قاشىقجىنى ئۆلتۈرۈش پەرمانىغا ئىمزا قويغان، ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىنى يوقاتقان، شۇنداقلا ئېغىر جىنايەتنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يوشۇرغان كىشىلەرگە قانۇن چېقىلالمايدىغان ھوقۇق بېرىلدى. بۇ جىنايەتنى بىر ئوچۇم ئىستىخبارات خادىملىرى سادىر قىلغان دەپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلدى. تۈركىيە بۇ ۋەقەنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ».
مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجى دېلوسىدا بەش گۇماندارغا ئۆلۈم جازاسى، ئۈچ گۇماندارغا 24 يىللىقتىن قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 13995 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2019 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق