ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى ۋە رەجەپ تاييىب ئەردوغان

ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى ۋە رەجەپ تاييىب ئەردوغان

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئەينى يىللىرى مىللەتچى خىتايغا تايىنىپ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەپ ئۈمىد قىلىشقان، تارىختا «ئۈچ ئەپەندى» دەپ ئاتالغان ئەپەندىلەردىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (1901~1965) بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىر قىسىم مۇھاجىرلارنى باشلاپ ھىجرەت قىلىپ، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى كەشمىرگە كېلىدۇ. بۇلار كەشمىردە تۇرۇپ بىر مەزگىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1952~1951-يىللىرى مۇھاجىرلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا باشلىنىدۇ.

1965-يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەنقەرەدە ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

1990-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ داۋاملىشىدۇ.

1992-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە پىرېزىدېنتى تۇرغۇت ئۆزال (Turgut Özal، 1927~1993) ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشتى، ئەمدى نۆۋەت شەرقىي تۈركىستانغا كەلدى» دەيدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرگەن ئىككىنچى رەھبەر بولۇپ، تۇرغۇت ئۆزالدىن بۇرۇن باش مىنىستىر (كېيىن پىرېزىدېنت بولغان) سۇلايمان دېمىرەل (Süleyman Demirel، 1924~2015) ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ ئېلىپ، سۆيۈپ تۇرۇپ: «بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭ دەۋايىمىز...» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەبابلىرى، مىنىستىرلار ۋە يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلار ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاشكارا ھالدا قوبۇل قىلمىغان ئىدى.

بۇ كۆرۈشۈش خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. خىتاينىڭ خەلق گېزىتى 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدا تۈركىيەنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىدا: «ئەگەر تۈركىيە بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا، خىتاي ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ.

1994-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق 19 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەلىپى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.

1995-يىلى باھار ئايلىرىدا ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئاتاقلىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى ئەھمەد قاباقلى (Ahmet Kabaklı، 1924~2001)غا ئىستانبۇلدىن مۇۋاپىق بىر جايغا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ دوستلۇقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سىموۋول خاراكتېرلىك «ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى» (İsa Yusuf Alptekin Parkı) ياساش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ مەسلىھەت سالىدۇ. ئەھمەد قاباقلى بۇرۇندىن تارتىپلا ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئاتىسى قاتارىدا كۆرىدىغان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پىكىرگە دەرھال قوشۇلىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئويلىنىپ، سۇلتان ئەخمەد مەيدانىدىكى ھازىرقى ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى بولغان ئورۇننى تاللاپ، ئەمىنۆنۈ رايونىنىڭ باشلىقى ئەھمەد چېتىنسايا (Ahmet Çetinsaya) ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى رەجەپ تاييىب ئەردوغان (Recep Tayyip Erdoğan، ھازىرقى پىرېزىدېنت) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇلار ئەھمەد قاباقلىنىڭ پىكرىگە دەرھال قوشۇلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ 1995-يىلى 8-ئايدا ھازىرقى ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى ياسىلىدۇ. باغچىنىڭ ئالدى تەرىپىگە كىچىك بىر مۇنار ياسىلىپ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوش بايرىقى ئورنىتىلىدۇ. باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رەجەپ تاييىب ئەردوغان، ئەھمەد قاباقلى، ھەسەن جالال گۈزەل (Hasan Celal Güzel، 1945~2018، سىياسەتچى)، نەۋزات يالچىنتاش (Nevzat Yalçıntaş، 1933~2016، سىياسەتچى، دوكتور) ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق بىر قىسىم تەسىرى كۈچلۈك سىياسەتچى، يازغۇچى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە كۆپلىگەن خەلق قاتنىشىدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى ئىنتايىن گۈزەل بىر مۇراسىم بىلەن ئېچىلىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى رەجەپ تاييىب ئەردوغان سەھنىگە چىقىپ، قوينىغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭمۇ دەۋايىمىز، قىزىل بايراقتىن كۆك بايراققا سالام بولسۇن!» دەيدۇ. مانا بۇلار «ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى»نىڭ قىسقىچە ئېچىلىش جەريانى.

ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نوتا تاپشۇرىدۇ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ تەلىپىگە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر قارشى چىقىدۇ. بولۇپمۇ ئەمىنۆنۈ رايونىنىڭ باشلىقى ئەھمەد چېتىنسايا ناھايىتى قاتتىق قارشى چىقىدۇ. ئەھمەد قاباقلى «تۈركىيە گېزىتى»نىڭ 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانىغا ئەھمەد چېتىنسايانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە سۇنغان «تۈركىيەگە كوممۇنىست خىتاي بۇيرۇق چۈشۈرەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق نارازىلىق خېتىنى ئېلان قىلىدۇ. خەتتە: «خىتاي تەلەپ قىلدى دەپ، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر بۈيۈك تۈرك سىياسەتچىسىنىڭ ئىسمى بېرىلگەن باغچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بولسا بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇ باغچىنىڭ ئېچىلىشى پەقەت ئەمىنۆنۈ رايونىغىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىدىنمۇ تەبرىك تېلېگراممىلىرى كېلىپ، بۇ باغچا ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرىنىڭ خاتىرە ئابىدىسىنىڭ تىكلەنگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. بىز بۇ باغچىنى چېقىۋەتسەك ياكى ئىسمىنى ئۆزگەرتسەك، 65 مىليون خەلقىمىزگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ ئىككى پىرېزىدېنتىمىزنى خىتايغا قارشى چىققان بۆلگۈنچىلەرگە قۇچاق ئاچقان، باغرىغا باسقان دەپ چۈشەندۈرەمدۇق؟ ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندەك بىر شەرقىي تۈركىستان دەۋاگىرىنىڭ ئىسمىنى باغچىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتايدىن رۇخسەت ئالامدۇق؟ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاتاپ ياسالغان، سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ باغچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ يازىدۇ. بۇ كەسكىن قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن مەزكۇر باغچا قۇرۇلۇپ تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى 94 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى فاتىھ جامەسىدە ئوقۇلىدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ جىنازا نامىزى 20 مىڭ كىشى قاتناشقان، تۈركىيە تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان چوڭ بىر جىنازا نامىزى بولىدۇ. نامازغا تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى قاتنىشىدۇ. ئەتىسى ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەتنە مۇراسىمىغا رەجەپ تاييىب ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ 30-پارىسىنى ئۆزى ئوقۇپ تاماملايدۇ، قۇرئان دۇئاسىنىمۇ ئۆزى قىلىدۇ.

 ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشىنى ئۇنىڭ مەنىۋى ئوغلى بولغان ئەھمەد قاباقلى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ باغچىغا ئۇدۇل قارىغاندا سول تەرىپتىكى يولنىڭ ئىچىگىرەك جايلاشقان «تۈركىستان ئاشخانىسى» (Türkistan aşevi)دا تۇرۇپ يىراق-يېقىندىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاچ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنى چېقىپ تۈزلىۋېتىش سۇيىقەستى ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ.

بىر كۈنى كەچ ۋاقتىدا ئەھمەد قاباقلى تۈركىستان ئاشخانىسىدا بىر نەچچە سىياسەتچى ۋە يازغۇچى دوستلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغاندا، بىردىنلا ئىككى ئاپتوبۇس ساقچى كېلىدۇ. بۇلار تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى قىسمىنىڭ ساقچىلىرى بولۇپ، كېلىشتىكى مەقسىتى ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنى چېقىپ تۈزلىۋېتىش ئىدى. بۇلار ئۆزلىرى بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇش چاقىدىغان ماشىنا ۋە كەپشەرلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇيرۇق ئەنقەرەدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن كەلگەن ئىدى. بۇلارنى ئىستانبۇل شەھەرلىك باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئورخان تاشان (Orhan Taşan) ئەۋەتكەن ئىدى. ئەھمەد قاباقلى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىر تەرەپتىن ساقچىلارغا خىزمەت ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى-تۆۋەنگە تېلېفون قىلىپ، ئاخىرى تاڭ ئاتقۇزىدۇ. تاڭ ئېتىشى بىلەن كۆپلىگەن خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، مۇخبىرلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنى چېقىشىغا قارشى نامايىش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر تارقىلىپ كېتىپ، نەتىجىدە باغچىنى چېقىۋېتىش پىلانى ئەمەلدىن قالىدۇ.

1998-يىلى مەسئۇت يىلماز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنى چېقىۋېتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ ۋاقىت بارات ھاجىم (Barat hacı، 1910~2003)نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىدە تۇرۇۋاتقان ۋاقتى بولۇپ، يەنە باشقا ياتاقلاردا يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىكەن. بارات ھاجىم ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا چىقىڭلار دەپ ھەيدىسە، ئۇلار «ماقۇل» دەپ قويۇپ، يەنە ياتىقىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، بىر ياتاقتىكىلەرنى ئاران ھەيدەپ چىقسا، يەنە بىر ياتاقتىكىلەر يوق. بارات ھاجىمنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ياتاققا كىرسە ھېچكىم يوق. ھەيران قېلىپ شۇنداق قارىسا ئوقۇغۇچىلار كارۋاتلىرىنىڭ ئاستىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن. بارات ھاجىم: «ھاي نېمە ئىش قىلىشىۋاتىسىلەر؟» دېسە، ئوقۇغۇچىلار: «پايپىقىمىزنى ئىزدەۋاتىمىز» دېگۈدەك. بارات ھاجىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ: «ۋاي گۇيلار، پايپىقىڭ پۇتۇڭدا تۇرمامدۇ، چىقىشە!» دەپ سۇلتان ئەھمەدكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ۋاقىت پېشىن نامىزىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا، ھەممەيلەن سۇلتان ئەھمەد جامەسىگە نامازغا كىرىدۇ. سەل بالدۇرراق بېرىپ قالغاچقا، نامايىشچىلار بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بىرىنچى سەپتە ئولتۇرۇشىدۇ. نامازدىن كېيىن جامائەت كۆپ بولغاچقا، نامايىشچىلار جامەدىن چىقىپ بولالماي قالىدۇ. بارات ھاجىم بولسا بەك سەگەك ئادەم بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئارقا سەپتىرەك ئولتۇرغان ئىكەن. ناماز تۈگىشىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ، دەرھال ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسى تەرەپكە ماڭىدۇ.

بارات ھاجىم باغچىغا كېلىپ ئەتراپىدا بىرمۇ ئادەم يوقلۇقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۆزى يالغۇز قالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يولنىڭ ئەتراپىدىكى تېرەكلەرنىڭ كەينىگە بىردىن يوشۇرۇنۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ئىكەن. دەل بۇ ۋاقىتتا بىرەر يۈزدەك ساقچىلار باغچىنى چېقىپ تۈزلەيدىغان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن يېتىپ كېلىدۇ. ساقچى باشلىقى جامائەت نامازدىن چىقىپ بولغۇچە ئىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى باغچىنى چېقىشقا كېلىپ بولغىچە، بارات ھاجىم دەرھال ئۆزىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئېتىپ، قوش بايراق بار كىچىك مۇنارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ يېنىغا يوغان پىچاقتىن بىرنى سېلىپ كەلگەن بولۇپ، يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ گېلىغا تەڭلەپ تۇرۇپ: «ئەگەر سىلەر بۇ بايراققا چېقىلساڭلار، شۇ ھامان ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىمەن» دەپ قاتتىق توۋلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماشىنا توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ساقچىلارمۇ ئولىشىپ كېلىپ، بارات ھاجىمنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بارات ھاجىم خېلى ئۇزۇنغىچە يوغان پىچاقنى گېلىغا تەڭلەپ تۇرۇۋېلىپ، ساقچىلارنى يېقىنلاشتۇرمايدۇ. كېيىن مەسچىتتە قالغان نامايىشچى خەلقمۇ يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ، بارات ھاجىم بىلەن باغچىنى ئايلىنىپ سەپ بولۇۋېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بارات ھاجىمنىڭ كۈتمىگەن يەردىن قارشىلىق قىلىشى بىلەن ۋاقىت ئۇزىراپ، ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى... خەۋەردار بولىدۇ. نەتىجىدە مەسئۇت يىلماز ھۆكۈمىتىنىڭ ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنى چېقىۋېتىش پىلانى يەنە ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە يول بار بولۇپ، سول تەرىپىدىكى يول ئۈستىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، خوجىنىياز ھاجىم ۋە بۇ باغچىغا كۆڭۈل بۆلگەن بىر نەچچە تۈرك مىللەتچىلىرىگە ئاتاپ سىمۋول خاراكتېرلىك خاس ئىشخانا ۋە ئۆيلەر سېلىنغان.

سۇلتان ئەھمەد مەيدانى تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت رايونى بولغاچقا، ھەر ۋاقىت ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىغا بېرىش ئۈچۈن بەيازىت مەيدانىدىن سۇلتان ئەھمەد تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، چەمبەرلىتاشتىن ئۆتۈپ، يۈز مېتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن سۇلتان ئەھمەد مەيدانىغا يېتىپ كېلىمىز. ئۇ يەردىن ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىككى تال مۇنارغا قاراپ ماڭىمىز. بۇ تاشلاردىن ئۆتۈپ، سول تەرىپىمىزگە 30~40 مېتىر ماڭساق، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىغا يېتىپ كېلىمىز.

 

بۇ خەۋەر 1266 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2019 03:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق