شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چاقىرىق

 

17-دېكابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايغا قارشى سەپەرۋەرلىك چاقىرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، چەتئەلدىكى دەۋايىمىزنىمۇ باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما تەشكىلاتلىرىمىز ۋە خەلقىمىز يەككە ياكى كوللېكتىپ ھالدا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋايىمىز كۈنسېرى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، مەيلى خەلقئارادا بولسۇن، مەيلى تۈركىيەدە بولسۇن، مۇھىم كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر، پارلامېنت ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرى بۇ ھەقتە كۆپلەپ توختىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دەۋايىمىزنى قوللاپ، كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىمىزگە چاقىرىق قىلىمەنكى، ھەممىمىز مەيلى يەككە ھالدا بولسۇن ياكى كوللېكتىپ ھالدا بولسۇن، مەيلى ئۆز تەشكىلاتلىرىمىز تەشكىللىگەن بولسۇن ياكى تۈركىيەنىڭ تەشكىلاتلىرى تەشكىللىگەن بولسۇن، خىتايغا قارشى ھەرقانداق پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزنى قوللاپ، ئەگىشىشىمىز لازىم. شۇنداقلا دەۋايىمىزغا، كۈنتەرتىپىمىزگە زىيان سېلىۋاتقان، دىققىتىمىزنى بۇراۋاتقان، پىتنە-پاسات تېرىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا رۇخسەت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH)  20-چېسلا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. بىز بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللىشىنى، ئاكتىپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ پەقەت بىر باشلىنىش. بۇندىن كېيىن تۈركىيەدىكى تەشكىلات ۋە خەلقلەر دەۋايىمىزنى تېخىمۇ قوللايدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىگە جىددى قاراپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم».

بۇ خەۋەر 1586 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2019 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق