خىتاينىڭ تۆت شىركىتى ئامېرىكىدا پەشۋا يېدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى پەن-تېخنىكا شىركىتى «سىسكو سىستېمىلىرى» (Cisco Systems) خىتاينىڭ تۆت شىركىتىنى ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىپ، مۇشۇ ھەپتە سوتتا يېڭىپ چىققان.

مەزكۇر شىركەت خىتاينىڭ تۆت شىركىتىنى تور ئۇچۇرى يەتكۈزۈشتە ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان قوبۇللاپ تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ساختا، تەقلىدىي نۇسخىسىنى ئىشلەپچىقاردى، دەپ ئەرز سۇنغان. بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ 2018-يىللىق سېتىلىش سوممىسى يەتتە مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خىتاينىڭ يۇقىرىقى تۆت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ساختا ماللار تەشكىل قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۆت شىركەت بولسا شېنجېن تيەنخېڭ تور چەكلىك شىركىتى، گېجى فوتوئېلېكتر تور چەكلىك شىركىتى، شېنجېن سولەيتې تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە دارىيوكوم شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسى ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۆت شىركەتكە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەڭگۈلۈك چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلىدىكەن. قارارغا ئاساسەن تۆت شىركەتنىڭ بارلىق مەبلىغى توڭلىتىلىپ، ئامازون، ئىبەي قاتارلىق تور سودا سۇپىلىرىدا بۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىش ئومۇمىيۈزلۈك چەكلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2019 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق