خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق!

خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق!
ئىشغالىيەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى كۈنسېرى ۋەھشىيلىشىپ بارماقتا. دۇنيانىڭ تەنقىدلىرىگە پىسەنت قىلماستىن تېخىمۇ غالجىرلاشماقتا. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا قارشى ھاكىمىيەتلەر سۈكۈت قىلسىمۇ، خەلق سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك.
خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئىبارەت دۇنيا جامائەتچىلىكى تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسا، ئەركىن دۇنيادىكى خەلق ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، ئۇيغۇرلاغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردىكى مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقىمىزنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىش نەتىجىسىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلار دۇنيا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ.
ختاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا بازارلىرىدا سېتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾. تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق».
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلغانلىق، ياخشى ئىشقا ھەمكارلىشىش، زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرغانلىق بولۇپ، دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن ھەر بىر ئىنسان قىلالايدىغان ئاددى بىر مەجبۇرىيەت، ئىنسانىيلىق ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەقەللىي تەقەززاسىدۇر.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئىستانبۇل-تۈركىيە

بۇ خەۋەر 779 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2019 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق