شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن خىتاي قورچىقى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە...

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن خىتاي قورچىقى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە...
6- دېكابىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 3- دېكابىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن» لايىھەسىگە قارشى ئېلان قىلغان سەپسەتىلىرىگە بايانات ئارقىلىق رەددىيە بەردى.

باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:

«شەرقىي تۈركىستاندا 70 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ زۇلۇملىرى ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ، كۈندىن-كۈنگە ۋەھشىيانە ھالدا ئېشىپ بارماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان، 3 مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنسان جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ھەمدە مەدەنىيىتىدىن ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان، دۇنيا خەلقى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بۇ زۇلۇملارنى كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1 گە قارشى407 ئاۋاز بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى خۇرسەن بولدى ھەم قىزغىن ئالقىشلىدى. شۇنداقلا خەلقىمىزدە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بېشىدىكى زۇلۇمنىڭ يەڭگىللىشىگە قايتا ئۈمىد تۇغۇلدى.
ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىسلام جەمئىيىتى ۋەتىنىمىزدە خىتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىسلامغا قارشى قۇرۇلغان ئىسلام نامىدىكى ئورگان بولۇپ، ئىسلامغىمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. خىتاي 2017- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، چەتئەلدىكى ئومۇمىيۈزلۈك شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋەتەندىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن باردى – كەلدى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئالاقىمۇ قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلدى.
يېقىندىن بېرى خىتايلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزگەن ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىغا ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش سىياسىتىنى قوللانغانلىقتەك ھەقىقەتنى ئاشكارىلىدى. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى كېرەكلىك تەدبىر قوللىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرماسلىقى، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى باشقا قايسىبىر دۆلەت بولسۇن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىشى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر.
چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاتالمىش «شىنجاڭ» قورچاق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شۇنداقلا خىتاي مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
-شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

–2019يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى.
ئىستانبۇل-تۈركىيە»

بۇ خەۋەر 1486 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق