خىتاي زېمىنىدا بىر «ئاسىيا باھارى» بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ، بىردىنبىر ئېھتىياجى بولغان دۆلەت رۇسىيە

خىتاي زېمىنىدا بىر «ئاسىيا باھارى» بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ، بىردىنبىر ئېھتىياجى بولغان دۆلەت رۇسىيە

جېيدا كاران

دوكتور بارىش ئادىبەللى تاجىكىستاندا ئېچىلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ يىغىنى ۋە «ئاسىيادا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى» (CICA)نىڭ مەخسۇس يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىردىنبىر ئېھتىياجلىق دۆلەتنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بارىش ئادىبەللىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆز زېمىنىدا ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن يۈز بېرىدىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئەرەب باھارىغا ئوخشاش بىر ھەرىكەتنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەڭ بەك قورقىدىكەن.

 

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە ئېچىلدى. ئەتىسى، يەنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە «ئاسىيادا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى»نىڭ مەخسۇس يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغانمۇ قاتناشتى. يىغىندا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىككە دائىر مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق قورالسىزلىنىش ھەققىدىكى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. شۇنداقلا سۇرىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەھۋاللىرىغا قارشى نارازىلىق پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىز ئاسىيا قىتئەسىدىكى بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتى توغرۇلۇق ئاكادېمىك، دوتسېنت، دوكتور بارىش ئادىبەللى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

 

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىردىن بىر ئېھتىياجى بولغان دۆلەت رۇسىيە

 

بارىش ئادىبەللى ھازىر ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ سىياسىتىنى ئاسىيا دۆلەتلىرى بەلگىلەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. ئۇ: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ "بىر بەلباغ، بىر يول" پىلانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىردىنبىر ئېھتىياجى بولغان دۆلەت رۇسىيە. خىتاي تارىختىن بېرى رۇسىيەگە ھېچقاچان بۈگۈنگىدەك ئېھتىياجلىق بولۇپ باقمىغان» دېدى.

بارىش ئادىبەللى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ دىققىتى ئاسىيا قىتئەسىگە مەركەزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپانىڭ ئىسمىنى ئاز، ئاسىيانىڭ ئىسمىنى كۆپ ئاڭلاشقا باشلايمىز. چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ سىياسىتىنى ئاسىيا دۆلەتلىرى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئايدىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، يەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى دۇنيا سىياسىتىدە ئىز قالدۇرىدۇ. بۇ يىغىننى مۇشۇنداق مۇھىم يىغىن قىلغان تۆت ئامىل بار بولۇپ، ئۇلار: 1. پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ ئارىسىدىكى جېدەل؛ 2. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ؛ 3. ئىراننىڭ بۇ تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرمەكچى بولغانلىقى ۋە ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەت؛ 4. رۇسىيەنىڭمۇ، خىتاينىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى. مانا بۇ ئەھۋاللار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇھىم نۇقتىغا ئېلىپ كەلدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈچى خەلقئارادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاجىز كېلىشكە باشلىدى.

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن رۇسىيەگە بېرىپ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى ۋە سودا توغرۇلۇق ناھايىتى مۇھىم توختاملار تۈزۈشتى. بۇ خىل كۆرۈشۈشلەر ئادەتتىكى ئەھۋال. ئەمما بۇ كۆرۈشۈش خىتايدىمۇ، رۇسىيەدىمۇ مۇنازىرە قوزغىدى. مۇنازىرىنىڭ سەۋەبى بولسا بىخەتەرلىك مەسىلىسى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ نەزىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشكەندىن كېيىن كېلىپ چىققان ھەربىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى. چۈنكى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ بۇ خىل ئىتتىپاقنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوڭ بىر ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەتتى. ئەمما خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئىقتىسادنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، شى جىنپىڭ بۇ پىلاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلىققا ئېھتىياجى بارمۇ-يوقمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن موسكۋاغا باردى. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن باشقا، بۇ تەشكىلاتتىن تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر تەشكىلات قۇرۇش كېرەكمۇ، قانداق؟ دېگەن مەسىلە بولدى. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزگەن يىغىنى خىتايدىمۇ، رۇسىيەدىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. دېمەك، خىتاينىڭ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بىردىنبىر ئېھتىياجى بولغان دۆلەت رۇسىيەدۇر.

 خىتاي ئەسلىدە خەلقئارالىق دېپلوماتىيەدە قارشى تەرەپ بىلەن مەلۇم ئارىلىقنى ساقلىغان ھالدا ناھايىتى سوغاققانلىق بىلەن ئىش قىلىدۇ. ئەمما بۇ زىيارەت جەريانىدا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ بۇرۇنقى ئادەتلىرىگە زىت ھالدا ۋىلادىمىر پۇتىنغا ناھايىتى يېقىنچىلىق قىلىپ، پۇتىننى ئەڭ ياخشى دوستۇم، دېدى. پۇتىنمۇ شى جىنپىڭغا ئوخشاشلا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. شى جىنپىڭ زىيارەت جەريانىدا: بىز يېقىنقى ئالتە يىل ئىچىدە پۇتىن بىلەن ئوتتۇز قېتىم كۆرۈشتۇق، دېدى. تارىختا خىتاينىڭ ھېچقاچان رۇسىيەگە ھازىرقىدەك ئېھتىياجى چۈشۈپ باقمىغان. بۇ ئىككى دۆلەت بۈگۈنگىچە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ كەلدى. بىز: بۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشى مەجبۇر قالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ دەپ سوراشتۇق. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىر-بىرىگە ئىشەنمەيتتى. ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى چوڭ دۆلەتلەر ئىدى. خۇددى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىمۇ داۋاملىق دېگۈدەك شېرىن سۆزلەر بىلەن پەردىلەنگەن رىقابەتلەر بولۇپ تۇراتتى. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئۇنداق رىقابەتلىشىدىغان يەردىن ئۆتۈپ كېتىشتى. شى جىنپىڭ سۆزىدە: ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇ خىل رىقابەت قالمىدى، دېدى. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە ئېھتىياجى بار. برزېنسكى (Brzezinski) ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ: ئەگەر رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولساڭلار خىتاينى، ئەگەر خىتايغا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولساڭلار رۇسىيەنى يېنىڭلارغا ئېلىڭلار. بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى ئۇرۇش سېپىدە ئۇرۇش قىلالمايسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى دۆلەتتىن بىرسىنى يېنىڭلارغا ئېلىشىڭلار كېرەك، دېگەن. بۇ سۆزلەرنى كىسسىنگېر (Kissinger)مۇ تىرامپقا ئېيتقان» دېدى.

 

ۋلادىمىر پۇتىن بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى

 

بارىش ئادىبەللى: رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە سودا كۆلىمىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرماقچى. خىتاي رۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە ھەربىي مەسىلىلەردە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى توغرۇلۇق مۇقىملاشقان بىر پىلاننىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىز بۇ ئەھۋاللاردىن خىتاينىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشكە مەركەزلەشتۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەسلىدە باشتىن تارتىپلا ئۆز زېمىنىدا ئەرەب باھارىغا ئوخشاش بىرەر ھەرىكەتنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ئەھۋالدىن قارىغاندا كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى سۆھبىتىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان. دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مۇقىملاشقان. بۇ ئەھۋال ماڭا نىسبەتەن تارىخىي بىر باشلىنىشتۇر. مۇشۇنداق بىر پىلاننىڭ خىتاينىڭ باشلىقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇھىم مەسىلە.

شى جىنپىڭنى ئالاھىدە قىلغان ئىش نېمە؟ مەن 2001-يىلىدىن باشلاپ بۇنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلە داۋاملىق مۇنازىرە قوزغاپ كەلدى. 1. ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرامدۇق ياكى كېڭەيتەمدۇق؛ 2. پۇتىن تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسى. پۇتىن: بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بىر ئىتتىپاق قۇردۇق. ئەمما بۇ ئىتتىپاقنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى داۋاملىق مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ ھەربىي قانىتىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىسا دۆلەت ھالقىغان جىنايەتچىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟ ھەممە دۆلەتلەرنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ قويساق، ھەممىسى ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، نەتىجىدە مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. سىلەر ھەربىي بىرلىك قۇرۇشقا قارشى چىقىۋاتىسىلەر، ھېچ بولمىغاندا ئىتتىپاقىمىز ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى ئىشلىتىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بىر زەربىدار قىسىم بولسىمۇ قۇرۇپ چىقايلى، دېگەن پىكىرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. ئەمما خىتاي رۇسىيەنىڭ بۇ پىلانىنى: «شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO)غا قارشى «ۋارشاۋا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر» (1955- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق 8 دۆلەت ۋارشاۋادا قۇرغان ھەربىي تەشكىلات) گە ئوخشاش بىر ھەربىي تەشكىلات قۇرماقچى، دېدى. ھەتتا رۇسىيە بۇ تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ ھەربىي سىياسىتى ئۈچۈن قوللىنىدۇ، دەپ قارشى چىقىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقىدەك نورمال تەشكىلات ھالىتىدە قېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئىشلار خىتاي دېگەندەك بولمىدى. ھازىر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدا پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كارىدورى بار. بۇ جاي ھازىر تېررورىستلار ھەرىكەت  قىلىۋاتقان بىر كارىدورغا ئايلاندى. خىتاي پۇقرالىرىغا ھەر كۈنى زەربە بېرىلىۋاتىدۇ. ئاخىرقى قېتىم پاكىستاننىڭ گىۋادار پورتى ئەتراپىدىكى خىتاي خېرىدارلىرى كۆپ بىر مىھمانخانىغا ھۇجۇم قىلىندى. پاكىستاندا خىتايغا قارشى تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى داۋاملىق سادىر بولماقتا. بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يېڭى زىللاندىيەدىمۇ، سىرىلانكىدىمۇ يۈز بەردى. ئامېرىكىنىڭ پەقەت جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا مەسىلىسى بار. بۇ خىتاي ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر مەسىلە. خىتاينىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا. شى جىنپىڭ دۈشەنبىدە ئېچىلغان «ئاسىيادا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى»نىڭ يىغىنىدا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا ئورتاق تەھدىت بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ سۆزنى ئەسلىدە بىر كۈن بۇرۇن بېشكەكتە ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولاتتى. ئەمما خىتاي بۇ يىغىندا ئەمەس، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، تېخىمۇ كۆپ ئەزالار قاتناشقان دۈشەنبىدىكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيەنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرايلى، بۇ يىغىندىكى باشقا قايسى دۆلەت رۇسىيە بىلەن خىتايدەك ئامېرىكىغا قارشى چىقتى؟ پەقەت ئىران بار، ئاسىيا دۆلەتلىرى يوق. ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى، باشقا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق. دېمەك، خىتاي بۇ يىغىندا «ئورتاق تەھدىتلىرىمىز بار» دېگەن سۆزنى پەقەت جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئۈچۈنلا ئىشلەتمىدى. خىتاينىڭ بۇ سۆزنى ئىشلىتىشىنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بار، تىبەت رايونى بار، خوڭكوڭدا ئىشەنگۈسىز ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. 6-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىۋاتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئەرەب باھارىغا ئوخشاش بىرەر سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئايلىنىپ كېلىپ، ئاسىيا باھارىغا ئۆزگىرىپ، ئۆز زېمىنىدا ياكى يېقىن قوشنا دۆلەتلەردە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقۇپ تۇرماقتا.

بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچ خىل كۈچكە قارشى بىر قارار قوبۇل قىلدى. بۇ ئۈچ خىل كۈچ بولسا: مۇستەقىللىق، رادىكاللىق، تېررورىزم. بۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق كۈرەش پەلسەپىسى. مانا بۇ نۇقتىغا كەلگەندە قوراللىق كۈچكە ئېھتىياج چۈشىدۇ.

خىتاي بۇ يىل رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش ئاچتى. خىتاي بۇنداق دىنىي مەسىلىلەر بىلەن ئاۋارە بولۇشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلىدۇ. خىتاي بۇ ھەرىكەتتە مەككارلىق قىلدى. ئۆز دۆلىتىدە فالۇنگۇڭ بار، بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىچىگە بۇلارنىمۇ قاتتى. تىبەتنىمۇ قاتتى، دالاي لامانىمۇ قاتتى. خىتاي بۇلارنىمۇ رادىكال قاتارىغا كىرگۈزدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى بار، ئەمما تەسىرى كۈچلۈك ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئەترەتنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچى-تېشىدىمۇ، ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچى-تېشىدىمۇ ئورتاق بىخەتەرلىك ئەترىتى، دەيدۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا.

 

ئاسىيا قىتئەسى ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ئىچىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشلەر

 

ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىمۇ، شاڭخەي ھەمكارلق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ داۋاملىق تۈردە سۈركىلىشلەرنىڭ ۋە مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن بارىش ئادىبەللى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «خىتاي ئەرەب باھارىنىڭ ئاسىيا باھارىغا ئۆزگىرىپ، ئەتراپىغا ياكى ئۆز زېمىنىغا كېلىشىدىن قورقۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتايدەك بىر دۆلەتكە قارشى چىقىش قىيىن. تىنچلىق ئىچىدە ياشاش بولسا خىتاينىڭ بەش پىرىنسىپىدىن بىرسى. (ئەرەب باھارىدەك قارشىلىقلار) تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قىسمەن ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سىناپ بېقىلدى. خىتاي ئەسلىدە ئەرەب باھارىدەك بىر ھەرىكەتتىنلا ئەمەس، ھەرقانداق تۈردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قورقىدۇ. 2000-يىللاردا گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا... قاتارلىق دۆلەتلەردە سىياسى ئۆزگىرىش بولدى، قىرغىزىستاندا ئەسقەر ئاقايوف ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى، ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيە ھېچنەرسە قىلالمىدى. رۇسىيەنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ھەربىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بار. رۇسىيە بۇلارنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بىر قانات قىلايلى، دېدى. خىتاي ھازىر رۇسىيەنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئويلىنىشقا باشلىدى. پۇتىننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدىمۇ، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى 19-قېتىملىق يىغىنىدىمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگىنى مانا بۇ تەكلىپ ئىدى.

ئەگەر بۇ تەكلىپ ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشقان بولسا ئىدى، ئىشلار بەلكىم ھازىرقىدىن پەرقلىق بولاتتى. چۈنكى 2010-يىلى ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان... قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا بىر تەرەپ قىلدى. شاڭخەي شەمكارلىق تەشكىلاتى بولسا سىرتتا قالدى. ھازىر كەشمىر مەسىلىسى بار، سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ قايتىدىن قايتىش مەسىلىسى بار، ئىراندا بىر بەلوجىستان مەسىلىسى بار، پاكىستاننىڭمۇ بەلوجىستان مەسىلىسى بار. ئەمدى ھىندىستان رۇسىيەدىن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى. ئۇ كۈنى كەچتە ھىندىستان بىر زىياپەت بەردى. بۇ زىياپەتتە مودى پۇتىن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن بولسىمۇ، پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشمىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى مەسىلە قانداق ھەل بولىدۇ؟! چۈنكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش تەھتىدى كەشمىر-پاكىستان-ھىندىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن چېگرا تالاش-تارتىش مەسىلىسى بار. خىتاينىڭ باشقا تەرەپلەردە يەنە باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. مەسىلەن: ئاسىيادا ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بار. جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىمۇ بار. ئەمدى ياۋروپاغا كەلسەك، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGİT) قاتارلىق بارى-يوقى مۇشۇلاردىن ئىبارەت. ئەمما ئاسىياغا قارايدىغان بولساق كوللىكتىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ئىتتىپاقى، ئاسىيا ھەمكارلىق كېڭىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار بار. ئەگەر «د 8»نى ھېسابلىساق، ئاسىيادا ھەقىقەتەن كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بار. بۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدىن بىر ئىش قىلمىسىمۇ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئورتاق ھەمكارلىق نامى ئاستىدا قىلالايدۇ.

خىتاي كېيىنكى ئۈچ يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئۈچۈن ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كۈچىدى. لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مەسىلىلەر ھەل بولمىدى. كېيىنكى كۈنلەردە «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىياللىرى كۆپۈككە ئايلىنىشقا باشلىدى. چۈنكى خىتاي بۇ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن ئىقتىسادنى قايتۇرۇپ ئېلىنمايدىغان نورمال چىقىم ئەمەس، قەرز بەرگەن قاتاردا ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ قايتۇرۇپ ئالىمەن، دېدى. يەنى بەرگەن پۇلىمىزنى خالىغانچە ئىشلىتەلمەيسىلەر، پەقەت بىز دېگەن يەرگە ئىشلىتىسىلەر، قۇرۇلۇشلارنى خىتاي شىركەتلىرى قىلىدۇ، دېدى. مانا بۇ ئەھۋال بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شېرىن خىياللىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. خىتاي قايتا ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىپ كەلدى. خوش، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سىبىرىيەدە ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بار. بۇلار ۋە تەبىئىي گازلار رۇسىيەدىن باشلىنىپ، سىبىرىيەدە ئاخىرلىشىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ئاسىيادا نېمىشقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشايدىغان بىرەر تەشكىلات قۇرمىدى؟ 1950-يىللاردا شەرقىي جەنۇبتا ئامېرىكا باشچىلىقىدا كوممۇنىزمغا قارشى سەككىز دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر» (SEATO) بار ئىدى، ئەمما بەشىنچى ماددىسى يوق ئىدى. يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشىمايتتى. چۈنكى ئۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ بولۇشىنى ئامېرىكا خالىمايتتى. مەسىلەن: ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن ئۆز ئالدىغا شەخسىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە توختاملىرى بار ئىدى. ئەمما كوللېكتىپ تۈزگەن توختىمى يوق ئىدى. ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمنامىسى دېيىشى بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-ماددىسى (ئەسلى يازمىدا يۇقىرىدا 5-ماددىسى دېگەن، بۇ جايدا بولسا 51-ماددىسى دېگەن - ت) بولسا قانۇنلۇق مۇداپىئە ئۈستىدە توختالغان. مانا بۇ بولسا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىدىن ئىبارەت. ھازىر خىتاي مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئەمما خىتاينىڭ قۇرماقچى بولغان تەشكىلاتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 5-ماددىسىدا يېزىلغاندەك، «بىرىمىز يەنە بىرىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز، بىرىمىز ھەممىمىز، ھەممىمىز بىرىمىز» دېگەندەك بولامدۇ، بىلمەيمىز. ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇسى بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇسى ئۇ يىغىندا تاسادىپىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولماستىن، پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشكەن بۇ مۇھىم ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا بولسا مەخپىي مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداق قىلىپ ئاخىرى دۈشەنبە يىغىنىدا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

خىتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئەسلىدە ئىقتىساد ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى

 

رۇسىيە بىلەن خىتاي سودىدا خەلقئارالىق پۇل ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا

 

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىدىن قورقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بارىش ئادىبەللى خىتاينىڭ ئەسلىدە ھەقىقىي قورقىدىغان نەرسىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتا: ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن «نورماللىشىش» نىيىتى يوق دېگەن قاراشنىڭ ئېغىر باسىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، پۇتىننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا «قورالسىز ئۇرۇش قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەنلىكىدىن خىتاينىڭمۇ، رۇسىيەنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا قارىتا پەقەتلا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

 خىتاينىڭ نىيىتى بەكمۇ ياخشى. ئۇلار: «تىنچلىقنى ساقلايمىز، قوغدايمىز ۋە تىنچلىققا ئېرىشىمىز» دەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينى تەنقىد قىلىدىغانلار كۆپ. 1956-يىلى ماۋ زېدۇڭ ئامېرىكىنى «قەغەز يولۋاس» دەپ ئاتىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا خىتاينى «قەغەز كوممۇنىست» دېيىشكە باشلىدى. خىتاي باشتىن ئاخىر داۋاملىق سودا تەرەققىي قىلسۇن، دۆلىتىم خاتىرجەم بولسۇن، دەپ كەلدى. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يارىشىپ قېلىش ئىدى. بارلىق يوللارنى سىناپ كۆردى. ئەمما خىتاي ئامېرىكىنىڭ ھېچقاچان يارىشىپ قېلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يەتتى. خىتاينىڭ ئەڭ قىزىققان نەرسىسى: ئەجەبا ئەگەر تىرامپنىڭ بىر ئىستراتېگىيەسى بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولارمۇ؟ يەنى كۆز قارىشى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا بىزنى دۈشمەن كۆرەرمۇ، يەنى بىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى باشلىنارمۇ؟... خىتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى مانا بۇ. ئەسلىدە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن قورقمايدۇ، ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى بىر ئامال قىلىپ يېڭىپ چىقىمىز، دەپ ئويلايدۇ.

پۇتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ناھايىتى مۇھىم سۆز قىلىپ: ئۇرۇشنىڭ قانۇنى يوق، قانۇنسىز بىر ئۇرۇش قوزغىتىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا خەلقئارالىق قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمىدى، بىزمۇ رۇسىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقئارادا ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەزىپىمىزدىن چېكىنىمىز (ئىجرا قىلمايمىز)، دېدى. بۇ ئەھۋال يەنى يېڭىدىن قوراللىنىش ئەھۋالى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قايغۇسىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن خىتاي تۆۋەندىكى كۆز قاراشتا پىكىردە بىرلىككە كېلىشتى: ئامېرىكا بۇرۇنقى ئامېرىكا ئەمەس، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن خىتاينى دۈشمەن دۆلەت دەپ قارايدۇ. شۇڭا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ يولىغا ماڭدى. شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن كېيىن پۇتىنمۇ ئۇنى قوللاپ ھەم شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تولۇقلاپ سۆز قىلدى. (شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى) بۇ چاقىرىق ۋە مەسىلە تامامەن رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ) ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. بىز ھازىرچە ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى "بىر بەلباغ، بىر يول" پىلانىدىن ئايرىم بىر پىلانمۇ، بىلمەيمىز».

 

تۈركىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدا پاسسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئېچىنىشلىق

 

بارىش ئادىبەللى: تۈركىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدا ئاكتىپ بىر دۆلەت ئەمەس، پاسسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئېچىنىشلىق ئەھۋال، دېدى. ئۇ يەنە: پىرېزىدېنت ئەردوغان تاجىكىستاندىكى «ئاسىيادا بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى» يىغىنىدا: قۇددۇستا يېڭىدىن يۈز بېرىۋاتقان "بولدى، تۈگىدى"لەرنى رەت قىلىمىز، دېدى.

 ئەپسۇس، بىزنى بەكمۇ قالايمىقان قىلىۋەتتى. توغرىسىنى ئېيتقاندا قولىمىزدىكى كوزۇرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. خالاپ-خالىماي خىتايغا بېرىۋاتىمىز. ئەگەر مەقسەت ھېچ بولمىغاندا رايونىمىزدىكى تەسىر كۈچىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئەمما كۆرۈشىدىغان مەسىلىلەر ئېھتىمال قەرز ئېلىش بولىدۇ. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئالدىدا داۋاملىق بىر توسالغۇ پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. تۈركىيە 1990-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولغاندىمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەسىلىسى سەۋەبلىك مەغلۇپ بولدى. يەنە شۇ ئىقتىسادىي ئاجىزلىقىمىز سەۋەبلىك ئېنېرگىيە بازىرىغىمۇ كىرەلمىدۇق. بۈگۈن بولسا يەنە شۇ ئىقتىسادىي ئاساسىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدا پاسسىپ ھەم ياردەمگە ئېھتىياجلىق دۆلەت قاتارىغا چۈشۈپ قالدۇق. بۇ ۋەزىيەتتىن تېزلىكتە قۇتۇلۇشىمىز كېرەك.

 ئەمما يەنىلا پىرېزىدېنتىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىزنىڭ تەۋەلىك رايونىدىكى ئورنىمىز يەنىلا يۇقىرى ئەۋزەللىككە ئىگە. خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدا بىزنىڭ ئوتتۇرا كارىدور پىلانىمىزنى ئەمەس، يەنىلا رۇسىيە لېنىيەسىنى تاللىدى. رۇسىيە لېنىيەسىدە بولسا ئىشەنگۈسىز بىر سودا كۆلىمى ۋە تەرەققىيات بارلىققا كېلىپ، ناھايىتى كۆپ پايدا ئالغان. بۇ ئەھۋال پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئېيتىپ ئۆتۈلدى. مەن خىتاينىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتلاردا بۇ لېنىيەنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ياكى باشقا بىر چىقىش يولى ئىزدەيدىغانلىقىنىڭ ئېھتىماللىقى يوق، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئىران مەسىلىسى بار، ئەزەربەيجان-ئەرمىنىيە مەسىلىسى بار، گىرۇزىيە-رۇسىيە مەسىلىسى بار، قارا دېڭىز مەسىلىسى بار. (خىتاي بولسا «بىر بەلباغ، بىر يول پىلانى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن) تىنچلىقىغا ۋە خاتىرجەملىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ جايلاردا ھازىرچە بىرەر تەھدىت بولمىسىمۇ، بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۆزىمۇ خىتاينىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇشقا يېتىدۇ. تۈركىيە بۇ نۇقتىدا ئۆزى ئورۇنلاشقان جۇغراپىيەلىك رايوننىڭ قانچىلىك مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. S-400 مەسىلىسى سەۋەبلىك ئامېرىكا بىلەن ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالدى. NATO ۋە ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بار. بىز بۇ بېسىمغا قارشى خىتاينىڭ يېنىدا تۇرىمىز. خىتاي بىلەن شۇنى قىلىمز، بۇنى قىلىمىز دېيىش خىتاينىڭ سىياسىتىگە زىت. چۈنكى خىتاي ھەرقانداق خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تەرەپ تۇتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىراننى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا قوبۇل قىلمايدۇ. «ئامېرىكا بىلەن ئاراڭلاردىكى مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن كەل، بولمىسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىسەن» دەيدۇ. رۇسىيە بولسا ئىراننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما خىتاي يۇقىرىقى سەۋەبلىك، يەنى سودىمىزنىڭ خاتىرجەم تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتمىسۇن، دەيدۇ. ئەمما خىتاينىڭ قانداق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگەرمەيدۇ».

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 26317 قېتىم كۆرۈلدى
29/11/2019 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق