خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈشتە رېكورت ياراتقان

ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانىدا بۇ يىل يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىلى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى بويىچە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل، مەزكۇر تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە 2024-يىللىق ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى»غا تىزىملىتىشنىڭ جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقى، 2024-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىدائىيلىرى» پىلانىغا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى» ئۈندىدار سالونى ياكى ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» ئورگان تور بېكىتىگە رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قوبۇل قىلىنغان پىدائىيلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسەن، جايلاردىكى «ئىتتىپاق كومىتېت»لىرى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «پىدائىيلار» مۇلازىمىتى كاپالەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا ئېرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىشىپ قېلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ئوبلاستلاردىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەرخىل ناملاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلاردىمۇ خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە چاقىرىلىپ، ئاققۇنلارغا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، ئۆسۈمسىز قەرز، زور مىقداردا ياردەم پۇلى تەمىنلىنىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغانىدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل، جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2027 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2024 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق