ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتتى

ئاۋسترالىيە يېڭى مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە 17-ئاپرېل مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرلاش تاكتىكىسى ۋە تىنچ ئوكياندىكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە قارشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئاۋسترالىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ خىرىسقا تولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلدۇق، دەپ قارىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇرلاشقان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ ئېنىقسىزلىقى رايوندا جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سەۋەبلىك ئاۋسترالىيەنىڭ مۇداپىئە مەسىلىسىدە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا سۆزلىگەن مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى نۇتقىدا: «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، مۇداپىئە پىلانىنى ئاساس قىلغان ئۈمىدۋار لايىھەلەر ئاللىبۇرۇن مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى» دېگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش تاكتىكىسى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مارلېرس يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ بىر سودا ئارىلى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، چوقۇم دۈشمەنلەرنىڭ سودىنى بوغۇپ قويۇشى ياكى مۇھىم دېڭىز يولىنى توسۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئاۋسترالىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۈشمەن تەرەپ ئاۋسترالىيە تۇپرىقىغا قەدەم باسمايلا، ئاۋسترالىيەگە نۇرغۇن زىيانلارنى سېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن 17-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا كۈچ چىقىرىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1172 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2024 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق