كانادانىڭ ئالتۇن شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئەيىبلەندى

كانادانىڭ سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا «سۇلالە ئالتۇن شىركىتى»نى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى 26-مارت ۋانكوۋېرغا جايلاشقان سۇلالە ئالتۇن شىركىتىنى ئەيىبلەپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي ئىگىلىكىدىكى ئالتۇن كان شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىشكە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما سۇلالە ئالتۇن شىركىتى ئالاقىدار دوكلاتنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئىلگىرى كانادادىكى 28 تەشكىلات كانادا سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى «CORE»غا ئەرز سۇنغان بولۇپ، شىكايەتتە سۇلالە ئالتۇن شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خاتۇ كانچىلىق تۈرىگە قاتناشقانلىقى، 2017-يىلى، 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى كان ئېچىش جەريانىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلانغانلىقى ياكى بۇنىڭدىن پايدا ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن كانادا سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى «CORE» سۇلالە ئالتۇن شىركىتىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلات پۈتۈپ چىققان.

سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى «CORE» دوكلاتىدا سۇلالە ئالتۇن شىركىتىنىڭ خىتاي رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە غەربىي رايون ئالتۇن شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى شىركەت ئارقىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقانلىقى يەكۈنلەنگەن. مەزكۇر ئىككى خىتاي شىركىتى «Terraxin» دەپ ئاتىلىدىغان باشقا بىر شىركەت بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، سۇلالە ئالتۇن شىركىتى «Terraxin» نىڭ چوڭ پاي ھەسسىدارى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1895 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2024 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق