خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئاساسىدا نىزام چىقىرىشنى تەكىتلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىي شوئارلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا نىزامنامە چىقىرىشنى تەكىتلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-مارت 2024-يىللىق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا بۇلتۇرقى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى خۇلاسە قىلىنىپ، بۇ يىللىق نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل: «يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە جەزمەن مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىللىق يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدىمۇ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»نى تەكىتلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك ناملار ئاستىدا باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئاتالمىش «يەرلىك نىزام»لار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، يەرلىك نىزامنامە ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا، كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3365 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2024 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق