7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئېچىلدى

بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق مەسلىھەت يىغىنى 27-مارت ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تۈركىيە ۋە چەت ئەلدىكى ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ رەئىسلىرى، ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

 

يىغىن ئارقىلىق 7-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى ۋە 16-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنى بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

بۇ خەۋەر 2720 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2024 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق