خىتاي يەنە ئۆزبېكىستان خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستاندا بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا زىيارەت ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ، قەشقەر، ئىلى، ئۈرۈمچى قاتارلىق ۋىلايەت-شەھەرلىرىدىكى بازار، كارخانا، مەسچىت، مەنزىرە رايونلىرىنى، يەنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزنى بوياش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. زىيارەت ئۆمىكىگە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى» كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە تاشقى دوستلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ر. قۇربانوف ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى س. تاشبايوف قاتارلىقلار خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماس ھالدا: «شىنجاڭدا ئىناق، خاتىرجەم ئىجتىمائىي كەيپىياتنى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت گۈللەنگەن تەرەققىيات كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇق» دەپ بىلجىرلاشقان.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. جۈملىدىن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قانۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا ياكى چەت ئەلدىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بويايدىغان باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

ئۇندىن باشقا خىتاي غايەت زور مەبلەغ سېلىپ ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىنى مەھەللىلەردىن ئايرىۋەتكەن بولۇپ، زىيارەتچى، ساياھەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بىلەلمەيلا قالماستىن، پەقەت ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى ئاڭلىدى. تۈرلۈك زىيارەت ئۆمەكلىرىمۇ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشەندى ياكى ماسلاشتى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2527 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2024 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق