لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكىغا بارغان ئىككىنچى لاگېر شاھىتى بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىمۇ مىسىردىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 25-سېنتەبىر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىر ئامېرىكىدا بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن 2018-يىلنىڭ باشلىرىدا لاگېرغا قامىلىپ، 2018-يىلى 12-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى يولدىشىنىڭ ياردىمىدە قازاقىستانغا چىققان. ئۇنىڭ يولدىشى قازاقىستان گىراژدانى بولغاچقا، ئايالىنى قازاقىستانغا ئېلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولغان. تۇرسۇنئاي خانىم لاگېردىكى توققۇز ئايلىق تۇتقۇنلۇق ھاياتى ۋە لاگېردىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىپ، ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ بۇ گۇۋاھلىقى ئالدى بىلەن خىتاينى، ئاندىن خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئالمۇتىدا تۇرۇشلۇق ئۆيىگە ئوت كەتكەن ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.

تۇرسۇنئاي خانىم قازاقىستاندا تۇرۇش جەريانىدا خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، ئاخىرىدا قازاقىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. يېقىندا ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېتەلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇھىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بۇ خەۋەر 1314 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2020 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق