خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى داۋاملاشماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، يۇقىرى مائاشلىرىنى توختىماستىن تەشۋىقات قىلىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشىنى تېزلەتمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى ھەرخىل يالغان جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولىدى. يەنە بىر قىسمىنى بولسا قېرى-ياش دەپ ئايرىماستىن، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، قۇل ئورنىدا ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى يۆتكەپ ئەكېلىپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتاي زېمىنى قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى ئۆيىگە يۈك-تاقىسىنى توشۇۋاتقانلىقى، يەنە بەزى خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىپ بېرىلگەن ئۆي ۋە ئېتىزلارنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى تۆت يىل جەريانىدا بۇ خىل يۇقىرى تەمىناتلار بىلەن خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۆتكەپ كەلمەكتە. لېكىن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستانغا قانچىلىك خىتاينىڭ يەرلەشكەنلىكى نامەلۇم بولماقتا.

بۇ خەۋەر 3298 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2020 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق