ھىندىستان ئۇرۇش قىلماي تۇرۇپ خىتاينى يېڭىشنى ئويلاشماقتا

دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدا تۇنجى ئوق ئېتىلغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ قارارىدا مۇھىم ئۆزگىرىش بولغان.

قەيت قىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيانقى يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي-ھىندىستان چېگرا ھەربىي توقۇنۇشى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال بىرمەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. ھەربىي توقۇنۇشتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ كەڭ كۆلەملىك ئەسكەر تەشكىللىگەن. تۈمەنلىگەن ئەسكەر ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تىركىشىشكە تەييارلىق قىلغان. چېگرا توقۇنۇشى بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك ۋە تاكتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئالغاندا، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تۈسىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت باسقۇچىغا ئۆتكەن. ھىندىستان خىتاينى يېڭىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە رايوندىكى مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيانغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدىن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقلىرىدىن قوشۇمچە پايدىغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشى كەسكىنلىشىپ ، خىتاي بىر قانچە تەرەپتىن دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ئېغىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇ ۋەزىيەت ھىندىستان ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت بولۇپ قالغان. ھىندىستان ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىككىنچى ئامىل شۇكى ، ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ چېگرا مەسىلىسى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە رايوندىكى مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يېقىنلىشىشىغا، ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ئۆزىنى دۇنياۋى چوڭ دۆلەت دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك دۆلەتكە ئايلىنىشنى خالىمايدىكەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان دۈشمەنلىكى ۋە مۇداپىئەسى ئۇنىڭ خەلقئارالىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تارىخىي پۇرسەتكە ئايلانغان.

بۇ خەۋەر 935 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2020 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق