12-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 12-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى بۈگۈن (28-سېنتەبىر) مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

26-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئالاقىدار تۈرلۈك تېمىلاردا مۇھىم لېكسىيەلەرنى سۆزلىدى. بۇلاردىن سىرت يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىش ۋاقتى ئاجرىتىلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە كەلگۈسى نىشانى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئارقىدىن تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىننىڭ ئۈچىنچى كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان مائارىپ جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قاتارلىق 28 تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلارغا چېقىلماسلىق، پىكىر ئوخشىماسلىقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلىكلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دېپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلار تەكىتلەندى. ئارقىدىن بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ خۇلاسىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى.يىغىندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار بىرلىكتە ئەنقەرەگە جايلاشقان مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى ۋە يېڭىدىن پۈتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيىنى زىيارەت قىلدى.

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 6811 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2020 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق