قارىقاشتىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سۈرگۈن قىلىندى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان يېڭى سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى سۈرگۈننى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل تۈردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش، ئوتتۇرا ياش، ھەتتا ياشانغانلارنىمۇ خىتاي ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلىپ مەجبۇرى ھالدا قۇل ئورنىدا ئىشقا سالماقتا.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قارقاش ناھىيەسىدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى . سىندا قارقاش ناھىيەسىنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە نۇرغۇنلىغان قىز - ئوغۇل ياشلارنىڭ قوللىرىدا سەپەر چامادانلىرى ۋە يوتقان كۆرپىلىرىنى ئېلىپ رەتكە تىزىلىپ، سۈرگۈنگە تەييارلىنىۋاتقىنىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش »، « ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ باشقا يەرلەردە مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا. خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلسا يانە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى مائاش ، ھەقسىز ئۆي ، يەر بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

https://v.douyin.com/JD47JSJ/
بۇ خەۋەر 3509 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2020 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق