شى جىنپىڭ يەنىلا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاتالمىش » شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى «دا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شى جىنپىڭ شەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىككى كۈنلۈك ئاتالما »شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى «دا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،«پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى ئىپاتلىدى. چوقۇم ئۇزاققىچە بۇ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»دېگەن.

شى جىنپىڭ يىغىندا يەنە، »پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇق قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئىستراتېگىيە شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىققا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە پۇختا ئاساس سالدى. « دېگەن.

شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن مۇئامىلە قىلىش ۋە پىلانلاش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، چوڭقۇر ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر : خىتاينىڭ خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۈچلۈك تەنقىدىگە ھەمدە بېسىمغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە ، يەنىلا شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىشى ئەڭ ئاخىردا يەنە بىر قاتتىق مەيدان ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە،خىتاي مەركىزىدىكى ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

http://www.uycnr.com/jdt2019/202009/t20200927_1415575.html
بۇ خەۋەر 3185 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2020 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق