خىتاينىڭ ئۈچ يىلدا 16000 مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكى ئېنىقلاندى

ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) جۈمە كۈنى (25-سېنتەبىر) ئېلان قىلغان »شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش « سەرلەۋھەلىك تەتقىقات دوكلاتىدا، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەخمىنەن 16000 مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە چېقىۋېتىلگەن. تەخمىنەن 8500 مەسچىت پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. مەسچىت چېقىش ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەنلىكى، شەرقىي تۈركسىتاندىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم بۇزۇلغان ، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ تەخمىنەن% 50 بۇزۇلغان ياكى ۋەيران قىلىنغان. تارىخى مىلادىيە 10-ئەسىرگە تۇتىشىدىغان قەدىمكى مۇقەددەس شەھەر ئوردا، مازارلىق پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە: » شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ ، ئۇيغۇر تىلى ، تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتتى ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرىغا سولاپلا قالماي ، يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يوقىتىۋەتكەن. چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ ئۈستىدىكى گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى چېقىۋېتىلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە ، شەرقىي تۈركىستاندا بىر پۈتۈپ ۋەيران قىلىنغان مەسچىتلەرنىڭ سانى 15 مىڭ 500 گە يېتىدىكەن.

ئەگەر بۇ مۆلچەر توغرا بولسا ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئىبادەت قىلىدىغان مەسچىتلەر سانىنىڭ ئەڭ ئاز دەۋرى بولۇپ قالىدىكەن. «

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن جۈمە كۈنى (25- سېنتەبىر) ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاۋستىرالىيە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ دوكلاتىغا قارشى چالۋاقاپ:«شىنجاڭدا تەخمىنەن 24000 مەسچىت بار ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 530 مۇسۇلمانغا بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدۇ ، شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى ئامېرىكىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانىدىن 10 ھەسسە كۆپ ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەسچىت سانى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆپ» دېگەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىش بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى ، بۇ مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىرىستىيان چېركاۋلىرى ۋە بۇددا ئىبادەتخانىلارنىڭ بىرىمۇ بۇزۇلمىغان. ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە ، شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە ئونلىغان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، ھەممە يەردە قەبرە خىشلىرى ۋە ئادەم سۆڭەكلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

https://www.voachinese.com/a/thousands-mosques-xinjiang-demolished-recent-years-report-20200925/5597591.html
بۇ خەۋەر 3339 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2020 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق