خۇاۋېي تەجرىبىخانىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 25- سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى تەجرىبىخانىسىدا چوڭ پارتلاش يۈز بېرىپ، پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ئوت ئاممىنى قاتتىق قورقۇتقان.

خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 25 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە ، دۇڭگۇەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى ئالىشان يولىدىكى خۇاۋېي تەجرىبىخانىسىنىڭ پارتلاپ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغان.

نەق مەيداندىكى سىندا كۆرسىتىلىشىچە ، ئوت پۈتكۈل بىنانىڭ ئۈستۈنكى يېرىمىغا تۇتاشقان. قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي داۋاملاشماقتا ئىكەن.

دوڭگۇەن سۇڭشەن كۆلى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تېخى ئەترەتكە قايتىپ كەلمىگەن. بۇ خەۋەردىن ئوتنىڭ خىلى ئۇزاق داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلدارلىرى يەنە، ئاپەتنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئاپەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خىتايدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت بولۇپ ، ئۇ ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ. باش مەركىزى گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجېندىكى بانتيەن بازىسىغا جايلاشقان. ئۇ 1987-يىلى قۇرۇلغان.

https://www.rfi.fr/cn/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/20200925-%E5%8D%8E%E4%B8%BA%E5%AE%9E%E9%AA%8C%E5%AE%A4%E5%A4%A7%E7%88%86%E7%82%B8-%E5%8E%9F%E5%9B%A0%E6%9C%AA%E6%98%8E
بۇ خەۋەر 7294 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2020 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق