ئەنگلىيە خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرگۈچىلەرگە ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.

جەنۇبىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارىق ئەھمەد ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتايغا قارشى قىلغان باياناتىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلايدىغان پاكىتلار بار» دېگەن.

ئەھمەد يەنە،: «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا سىستېمىلىق دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ھۆججىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار بار. شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ۋە دىن قاتتىق چەكلەندى. بىز مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش توغرىسىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارنى كۆردۇق. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم سوتلانمايلا قولغا ئېلىندى »دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « خىتاينى بىرلەشمە خىتابنامىدىكى ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشقا ، خوڭكوڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ، رايوننى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ».

ئەھمەد مۇنداق دېدى: » خىتاينىڭ خوڭكوڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇشى خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ، خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ۋە ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە بىۋاسىتە تەھدىت سالغانلىق «

بۇ خەۋەر 947 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2020 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق