ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار سانىنى ئېنىقلاپ چىقتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى 24-سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لاگېرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدە تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2019-يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاتالمىش«تەربىيەلەش مەركىزىدىكىلەر ئوقۇشنى تاماملىدى» دېگەن يالغان تەشۋىقاتىغا رەددىيە بەرگەن.

دوكلاتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونىدىن 380 دىن ئارتۇق لاگېرنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن توققۇز ئاي ئىچىدە داۋاملىق يېڭى لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ تەتقىقات تۈرگە رەھبەرلىك قىلغان تەتقىقاتچى ناتان رۇسېر Deutsche Welle مۇخبىرنىڭ نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: «گەرچە خىتاي قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2019 ۋە 2020-يىلى يېڭى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرنىڭ قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق مەبلەغ سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 2019-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ، شەرقىي تۈركىستاندا كەم دېگەندە 61 تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشقا باشلىدى. خىتاي نۆۋەتتە، 14 ئورۇندا لاگېر قۇرۇلۇشى قىلىۋاتىدۇ »دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان:« 2017-يىلدىن باشلاپ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان رەسىم ۋە باشقا تېخنىك ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق لاگېر ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 380 دىن ئارتۇق تۈرمە ۋە لاگېرلار بايقالدى. بايقالغان ئورۇنلارغا ،% 50 بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى ئەسلىھەلەر ئىشلىتىلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، خىتاي دائىرىلىرى بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» نى ئىشلىتىشنى تەدرىجىي توختاتقان. ۋە مەھبۇسلارنى تېخىمۇ يۇقىرى بىخەتەر ئورۇنلارغا يۆتكىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ، شەرقىي تۈركىستاندا كەم دېگەندە 70 ئورۇندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. سەككىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ ئەتراپتىكى رېشاتكىلار ۋە باشقا نازارەت قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئېلىۋېتىشكە باشلىغان.»

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رېشاتكىلارنى ئېلىۋېتىشكە باشلىغان بارلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ% 90 بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان لاگېرلار ئىكەن. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردە نۇرغۇن قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ ئادەتتە زاۋۇتلار بىلەن قورشالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) گېرمانىيە ئاۋازى مۇخبىرىغا ئاشكارىلاپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا زاۋۇتلارغا يۆتكەلدى ياكى يەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىخەتەرلىك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى تۈرمىگە يۆتكەلدى. بۇ ئەسلىدە لاگېرىدا قامالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن سىرتقى جەمئىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .»

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:« ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەھلىلىدە، قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن باشقا جايلارغا يۆتكەلگەنلىكى كۆرسىتىلدى. گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدۇ. بىز تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىشلىتىپ ، بۇ تۈرمە ئەسلىھەلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇن ۋە سىياسىي رامكىسىدا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە بىز چوقۇم خىتاي ھۆججەتلىرىنى داۋاملىق تەھلىل قىلىپ ، بۇ توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىشىمىز كېرەك. »
تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«بىرىنچى دەرىجىلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بولۇپ ، كۆپىنچىسى ئادەتتىكى ئىمارەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىمارەتلەرنىڭ ئەتراپىغا تام ۋە رېشاتكا ئورناتقان.
ئىككىنچى دەرىجىلىك لاگېردىكى ئەسلىھەلەرنىڭ كۆلىمى بىرىنچى دەرىجىلىك تۈرمە ئەسلىھەلىرىدىن چوڭ بولۇپ ، بۇ ئەسلىھەلەر ئادەتتە سىرتقى كۆرۈنۈشى ئوخشاش نۇرغۇن بىنالاردىن تەركىب تاپقان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى گۇرۇپپىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «خەتەرلىك » دەپ قارالغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن . شۇڭا بۇ ئەسلىھەلەرنى بىر نەچچە قەۋەت ئېگىز تاملار ، سىم رېشاتكىلار ۋە بىر نەچچە كۆزىتىش مۇنارى ئوراپ تۇرىدىكەن. ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۈرمىلەردە ئادەتتە زاۋۇت بىناسىغا ئوخشايدىغان ئىمارەتلەر بولمايدىكەن.

تۆتىنچى دەرىجىلىك تۈرمە ۋە لاگېر ئەسلىھەلىرى ئەنئەنىۋى تۈرمىلەر بولۇپ ، بۇ يەردە تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى رەسمىي تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلار ئىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، شەرقىي تۈركىستاندىكى 350 ئورۇندىكى يەرلىك تۈرمە ئەسلىھەلىرى ئىشلىتىلگەن يېڭى بىنالار % 37 ئاشقان ، ئەمما 2019-يىلدىن 2020-يىلغىچە بۇ نىسبەت% 5 گە تۆۋەنلىگەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىدىكى لۇتېر DW سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى ۋە باشقا قوراللارنى ئىشلىتىپ ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىز قوغلاشنى پىلانلىغانلىقىنى ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر ۋاقىت يېڭىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

https://www.dw.com/zh/%E6%BE%B3%E6%B4%B2%E6%99%BA%E5%BA%93%E6%8F%AD%E6%96%B0%E7%96%86%E7%BB%B4%E6%97%8F%E4%BA%BA%E9%81%AD%E5%85%B3%E6%8A%BC%E6%9C%80%E6%96%B0%E7%8A%B6%E5%86%B5/av-55039216
بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2020 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق