خىتاي ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق سۈرگۈن قىلماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى << نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش>> << ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش >> نامى بىلەن مەلۇم بىر شەھەردىن يانە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى سۈرگۈن قىلغان .

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاپ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىشنى زور كۈچ بىلە ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىشنى تېزلەتكەن ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەلۇم بىر شەھەردىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلغان . سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ھەتتا ياشانغان ئەر ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ سەپەر سومكىلار بىلەن يۈك تاقا ، يوتقان كۆرپىلىرىنى ئىلىپ ماڭغان . سىندىكى كۆرۈنۈشتە، ئاپتوبۇسقا چىقىشنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىلىپ مېڭىلغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى . 

يانە بىر سىندا، سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم بىر يەرگە كەلگۈچە بىر ئاپتوبۇستا كەلگەنلىكى ۋە يېرىم يولغا كەلگەندىن كىيىن ئولتۇرغان ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈلۈپ، باشقا ئاپتوبۇسقا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

سىندا، كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇلارنىڭ چۈشكۈن، چىراي ئىپادىلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ھالەتتە ئىلىپ مېڭىلغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى ئەكېلىپ يەرلەشتۈرۈش رەزىل پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلغان.

بۇ خەۋەر 2807 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2020 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق