ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 23- سېنتەبىر كۈنى يەنە « ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاپ ، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر قانۇن 229 ئاۋازنىڭ قۇللىشى ، 187 ئاۋازنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغان يۇلۇپ ، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېننىفېر ۋېكتون ، D-VA ئوتتۇرىغا قويغان « ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاشكارىلاش قانۇنى» شەرقىي تۈركىستاندا سودا تىجارەت مۇناسىۋىتى بار ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى، شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ياكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇننى يولغا قويۇش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ قەدەم قويۇلغانلىقىغا سىمۋولى ئىكەن.

دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىنتايىن ئومۇملاشقان ھەمدە ئىنتايىن سىستېمىلاشقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى تەپتىش قىلىش ئارقىلىق بىلىپ يىتىش مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مۇھىتى ھەققىدە ئەركىن ۋە سەمىمىي سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن كۆزىتىدۇ ھەمدە راست گەپ قىلىشتىن قورقۇتىدۇ . »

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكۋېن ، يىغىندا سۆز قىلىپ، «بۇ قانۇننى چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى ، ئۇ تېخىمۇ قاتتىق ئاشكارىلاش تەرتىپى ئارقىلىق ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغدايدۇ ھەمدە خىتايغا قارشى خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى، خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن قاتتىق كونترول قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. » دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 22- ۋە 23- سېنتەبىر ماقۇللانغان ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزالىشىغا ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن، چوقۇم كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 938 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2020 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق