خىتاى كۇچا ناھىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە ، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى كۇچا ناھىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش ھەققىدە قارار ئالغان.

خەۋەردە، خىتاي مەركىزىنىڭ تەستىقى بىلەن كۇچا ناھىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك كۇچا شەھىرى تەسىس قىلىپ، ئەسلىدىكى كۇچا ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي رايونىنى كۇچا شەھىرىنىڭ مەمۇرىي رايونى قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىلغان.

قاراردا كۇچا ناھىيەلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كۇچا شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى، كۇچا ناھىيەلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى كۇچا شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ناھىيە، شەھەر ۋە رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى نۆۋەت ئالماشتۇرغانغا قەدەر بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قاراردا يەنە، كۇچا ناھىيەلىك 15-نۆۋەتلىك ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار، ھاكىم، مۇئاۋىن ھاكىم، ناھىيەلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۇچا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار، شەھەر باشلىقى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى، كۇچا ناھىيەسىدە سايلانغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەسلىدىكى كۇچا ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا-بازار ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 3517 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2020 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق