80 گە يېقىن ئۇيغۇر قىزى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاندى

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈندىدار گېزىتىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى 77 ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ، ئوپچە توي قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلغان خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىزلىرىنى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان خىتاي كاپىرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە كەنتتىكى خەلقنى بۇ زۇلۇم ۋە خورلۇقنى كۆرۈشكە تەشكىللىگەن.
ئۇيغۇر قىزلىرى مۇسۇلمان ئەرلەر بىلەن توي قىلىش ۋە نىكاھ ئوقۇلۇشتىن مەھرۇم قىلىنغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۇلغا ئالداپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خىتايلارغا مۇكاپات سۈپىتىدە 77 ئاپتوموبىل، بىر يۈرۈشتىن ئۆي تەييارلىغان. ھەتتا خىتايلارغا زور مىقداردا تۇرمۇش پۇلى بەرگەندىن باشقا، تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى شەرتسىز بېجىرىپ بەرگەن.


يېقىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئەرلىرىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى، يالغۇز قالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا موھتاچ قىلىپ، خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلدۇرغانلىقى، خىتاي بىلەن توي قىلغان ئائىلىگە مىڭ يۈەن پۇل، بىردىن ئۆي بېرىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1704 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2019 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق