كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاھالىلەر خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاھالىلەر خىتاي مەبلەغ سالغان كاننىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە نورمال تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ 30-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، كونگودىكى خىتاي ئىگىدارچىلىقىغا چۈشۈپ قالغان كوبالت كانى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكەن. كوبالت رۇدىسى بولسا يېشىل ئىقتىسادنىڭ مۇھىم خام ئەشيالىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

BBC مۇخبىرلىرى خىتاي مەبلەغ سالغان كوبالت كانى ئەتراپىدىكى يەرلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئاھالىلەر خىتاينىڭ رايوندا كان ئېچىش ئارقىلىق خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئوچۇق كاندا ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم تاش پارتلىتىلىدىغان بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. پارتلاش باشلىنىشتىن بۇرۇن، يۇقىرى ئاۋازدا گۈدۈك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىك چوقۇم قىلىۋاتقان ئىشىنى دەرھال توختىتىشى ۋە پاناھلىنىدىغان جاي تېپىشى كېرەك ئىكەن. ئاھالىلەر مۇخبىرغا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېچىنىشلىق رېئاللىقىنى ئاشكارىلىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2050-يىلىغا بارغاندا يەر شارىنى بۇلغايدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كوبالت قاتارلىق مۇھىم مىنېرال ماددىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى 2040-يىلىغا بارغاندا چوقۇم ئالتە ھەسسە ئېشىشى كېرەك ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1348 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2024 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق