50 دۆلەت ھىندىستانغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

50 دۆلەت ھىندىستانغا چاقىرىق ئېلان قىلدى
دوۋېي خەۋەرلىرى تورى تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۈركىيە قاتارلىق 50 تىن كۆپرەك دۆلەت ھىندىستاننى جاممۇ كەشمىردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 42-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچىدا كەشمىر مەسلىسىنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، مۇزاكىرە يىغىندا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشىنىڭ كەشمىر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىن، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئورتاق بىر دوكلاتقا ئىمزا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە تۈركىيە قاتارلىق 50تىن كۆپرەك دۆلەت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن دوكلات تەييارلىنىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىغا سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ھىندىستاننىڭ 5-ئاۋغۇستتا كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن كەشمىردە كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى كېلىپ چىقىپ، ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشقا باشلىغانلىقى، رايوننىڭ ئەھۋالى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى نۇقتىسىدىن جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەل باچېلېتنىڭ «ھىندىستاننىڭ مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىنقى ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە ھېس قىلماقتىمىز» دېگەن باياناتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
50 نەچچە دۆلەت رويخەتكە ئالدۇرغان ئورتاق دوكلاتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «كەشمىر خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئەركىنلىك ۋە ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەك. ھىندىستاننىڭ كەشمىردە يولغا قويغان كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى، ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكلىنىشىگە خاتىمە بېرىلىشى ۋە سىياسىي تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ھىندىستان قىسىملىرى كەشمىر خەلقىگە ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ ئىشلىتىشنى توختىتىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئاخباراتنىڭ توسالغۇسىز ھالدا كەشمىرگە كىرىشىگە يول قويۇلۇشى كېرەك».

بۇ خەۋەر 589 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق