5-قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

5-قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

تۈركىيەدىكى 5-قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى 8-ئىيۇل باشلىنىپ، 11-ئىيۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم-ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ خىل تېمىدا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇچرىشىشنىڭ تۇنجى كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەھمۇدجان داموللام «سەمىمىيەت» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيەتنىڭ ئەھمىيىتى، دوستانىلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇستاز نۇرىددىن ئىزباسار «ياقۇپ بەگ دەۋرىدىكى ئوسمانلى ۋە شەرقىي تۈركىستان رىشتىسى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللاھ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى قاتارلىق ئۈستازلار ئوچۇق سۆھبەت شەكلىدە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال «ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت «ئىككى خىل پوزىتسىيە، ئىككى خىل نەتىجە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
بۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىلمىي سۆھبەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي چۈشەنچىلەر يەتكۈزۈلگەندىن سىرت، يەنە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 

بۇ خەۋەر 1600 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2019 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق