خىتايدىكى 13 بال قارا قۇيۇندا بەش خىتاي ئۆلدى

خىتاينىڭ جەنۇبىدا چىققان 13 بال قارا قۇيۇندا 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 خىتاي يارىلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-ئاپرېل خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭجۇغا قاراشلىق بەييۈن رايونىدا قارا قۇيۇن چىققان بولۇپ، شامال كۈچى 13 بالغا يەتكەن. قارا قۇيۇندا 5 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى، 33 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا رايوندىكى 140 تىن ئارتۇق زاۋۇت قارا قۇيۇننىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان. گۇاڭجۇدا نۇرغۇن زاۋۇتلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بېتون قۇرۇلمىلار بولماستىن، بەلكى قاڭالتىر ئىشلىتىلگەن قۇرۇلۇشلار ئىكەن. بۇلار ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان. خىتاي رېجىمى ھازىرغىچە قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبلىك قانچىلىق ئىقتىسادىي زىيان بولغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2024 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق