4- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇزاكىرىسى گوللاندىيەدە باشلاندى

4- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇزاكىرىسى گوللاندىيەدە باشلاندى
شەرقىي تۈركىستان ئسىتراتېگىيە مۇزاكىرىسىنىڭ تۆتىنجى نۆۋەتلىكى تۆنۈگۈن گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا باشلاندى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كېلېۋاتقان ئىستراتىگىيە مۇزاكىرىلىرى يىغىنىنىڭ بۇ قېتىملىقى تۆنۈگۈن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا سىياسىتىدە قانداق ۋە قايسى باسقۇچلار بىلەن ئېلىپ بېرىلشى كېرەكلىكى مۇزاكىرىگە قويۇلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن 16-نويابىر ئامىستېردامدا
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى
مۇھاكىمە يىغىنىنى گوللاندىيە تۈرك-ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامستېردامدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش كونسۇلى، دىنىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى، ئامستېردام ۋەكىللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، بىر تۈركۈم تۈرك خەلقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، دولقۇن ئەيسا ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇھاكىمە سۈپىتىدە ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەر 1657 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2019 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق