37 دۆلەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىدى

 

37  دۆلەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىدى

فىرانسىيە 24 (france24) تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 37 دۆلەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ، ب د ت غا ئىمزالىق مەكتۇپ يازغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە، نىگېرىيە، ئالجىرىيە، شىمالىي كورىيە، فىلىپپىن، كامبوژدا قاتارلىق 37 دۆلەت بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ دۆلەتلەرنى 9-ئىيۇل ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە قارشى مەخسۇس تەشكىللىگەن. مەزكۇر 37 دۆلەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى  قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت غا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغان.

ئىگىلىنىشىچە، 37 دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى يېڭى باشتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار ھەققىدە ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 3138 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2019 05:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق