27 دۆلەت خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تور زومىگەرلىكىگە قارشى كېلىشىم ئىمزالىدى

27 دۆلەت خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تور زومىگەرلىكىگە قارشى كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە قارار تورىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت غا ئەزا 27 دۆلەت خەلقئارلىق تور ئالاقىسى ھەققىدىكى قائىدە-نىزاملارغا ئائىت بىر كېلىشمگە ئىمزا قويغان.

مەزكۇر كېلىشىم ئاساسلىقى خىتاي ۋە رۇسىيەنى نىشان قىلغان بولۇپ، تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيەتلىكى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە 2014-يىلى ئۇكرائىنادىكى،2015-يىلى ئامېرىكىدىكى ۋە 2017-يىلى فىرانسىيەدىكى سايلاملاردا رۇسىيەنى قوللايدىغان نامزاتلارنى يۆلەپ چىقىرىش ئۈچۈن تور ھۇجۇمى قوزغاپ، سايلامنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خىتايمۇ نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سودا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن خاككېرلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 537 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2019 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق