24-قېتىملىق پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىم-قىزلار يىغىلىشى زەيتىنبۇرنۇدا ئۆتكۈزۈلدى

24-قېتىملىق پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىم-قىزلار يىغىلىشى زەيتىنبۇرنۇدا ئۆتكۈزۈلدى
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىشىۋاتقان «پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار يىغىلىشى»نىڭ 24-قېتىملىق يىغىلىشى 2-نويابىر ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى ئاق دېڭىز سالونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىلىشقا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان خانىم-قىزلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىلىش قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، ئارقىدىن دۆلەت مارشى ئوقۇلدى. يىغىلىشتا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئاساسىي تېما قىلىندى.
پائالىيەت داۋامىدا تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان سەرخىل نومۇرلار ئورۇندالدى. پائالىيەتكە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان تەكلىپ قىلىندى. ئابدۇقادىر ياپچان ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق، خانىم-قىزلارغا توغرا سىياسىي ئاڭ يېتىلدۈرۈش ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. «پەزىلەتلىك خانىمغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى پائالىيەتتە ئايال ساھابىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى خاتىرىلەندى.
پائالىيەتتە يەنە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
شەمسىنۇر ئۆزئۇيغۇر خانىم «ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئەۋلادلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا خانىم-قىزلارغا ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇش پۇرسىتى بېرىلىپ، يىغىن كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
يىغىلىشتا يەنە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك نومۇرلار ئورۇندىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ خەۋەر 1508 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2019 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق