23 دۆلەت خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈرۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى

23 دۆلەت خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈرۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى

29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23 دۆلەت ب د ت كىشلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
29-ئۆكتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تارماقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان كىشلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىندا 23 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ىسياسىتىنى توخىتىتىپ، تۇتقۇن قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
بۇ بىرلەشمە چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەر: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئالبانىيە، ئاۋسترالىيە،بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئىستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، ئىسلاندىيە، ئىرلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىقلار.
باياناتتا يەنە خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 646 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق