پۇتىن ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ پۇتىننى قىزىل پايانداز سېلىپ ئالاھىدە قارشى ئالغان ۋە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى «تىنچلىق كۈچى» دەپ ئاتىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 16-ماي رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى بېيجىڭدا قىزغىن كۈتۈۋالغان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى «تىنچلىققا پايدىلىق دۆلەت مۇناسىۋىتى» دەپ خەۋەر قىلغان.

بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن پۇتىن خىتاي تەرەپنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا قايىل قىلىشقا تىرىشقان. مەزكۇر ئىككى كۈنلۈك زىيارەت پۇتىننىڭ ئۈچىنچى ئايدا قايتا سايلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتى بولۇپلا قالماي، قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە خىتاينى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

16-ماي ئەتىگەن شى جىنپىڭ بېيجىڭدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق سارىيىدا پۇتىننى كۈتۈۋالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭ: «خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تىنچلىققا پايدىلىق» دەپ جار سالغان.

پۇتىن بولسا سۆھبەت جەرياندا ئىككى تەرەپنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى: «خەلقئارا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغۇچى ئامىل» دەپ سۈپەتلىگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە غەربنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىغان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى بولۇپ قالغان. پۇتىن خىتاي سەپىرىگە يولغا چىقىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇمنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ماختىغان ھەمدە: «رۇسىيە ئارمىيەسى خاركىۋ رايونىدىكى نۇرغۇن جاينى ئىگىلىدى. قوشۇنلىرىمىز ھەر كۈنى ھەرقايسى جەڭ لىنىيەسىدە ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1687 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2024 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق