22-قېتىملىق پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار يىغىلىشىدا بۇ يىللىق مىللىي شۇرا يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى

22-قېتىملىق پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار يىغىلىشىدا بۇ يىللىق مىللىي شۇرا يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى

24-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ئائىلە جەمئىيىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار پائالىيتى» يىغىلىشىدا 2-قېتىملىق مىللىي شۇرا، 11-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ روھى خانىم-قىزلارغا يەتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە 200 گە يېقىن خانىم-قىزلار قاتناشتى. پائالىيەت نۇزۇگۇم كۈلتۈر ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ ئېچىلىش سۆزى قىلىشى ۋە ئۇستاز ئەمىرە خانىمنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە قەمەر ئارتىش خانىم ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ دوكلاتىنى سۇندى.
ئىلمىنۇر خانىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتىنى سۇندى. شۇنداقلا «تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقە-مۇناسىۋىتىم قانداق؟»، «تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم قانداق؟»، «تۈركىيەدىكى تۈرك پۇقرالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم قانداق؟» قاتارلىق سوئاللارنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئويلىنىشىغا سۇندى.
ئەلانۇر خانىم، تۈركزات خانىم ۋە ماھىرە خانىملار يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئاياللارنىڭ بۇ دەۋادىكى رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار بولۇش كىرەكلىكىنى، ئاياللارنىڭمۇ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىنى، نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئابىدە ياپچان خانىم دېپلوماتىك قائىدە-يوسۇن (protokol uzmanı) مۇتەخەسسىسى ئېھسان ئەپەندىنىڭ دېپلوماتىك قائىدە-يوسۇن ھەققىدىكى لېكسىيەسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەمشىنۇر خانىم سۆز قىلىپ، مىركامىل قەشقەرلى ۋە دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سۆزلىگەن خەلقتىكى تەشكىللىنىش ھەرىكەت چۈشەنچىسى ۋە تەشكىلاتچىلىق روھىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى، تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش شەرتلىرى ۋە دەۋا سېپىدە خىزمەت قىلىشنىڭ پەرز ئەيىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى سۇندى.
پائالىيەت ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم يىغىنغا قاتناشقان خانىملارنىڭ بەرگەن دوكلاتلىرىنى خۇلاسىلەپ، مىللىي شۇرا يىغىنىغا 18 دۆلەتتىن ئاكادېمىك، زىيالىي ۋە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈنتەرتىپكە كېلىپ، دەۋا يۆنىلىشىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئورتاقلىققا كەلگەنلىكىنى، چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى يول خەرىتىسىدە بىللە خىزمەت قىلدىغانلىقىنى، يىغىننىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك، ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەر ساھەدە ئۆز كەسپىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىرىنسىپلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ ھەمدەمدە بولۇشى، ئائىلىسىدىن باشلاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەربىر كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن بۇرۇن قەلبىدە بۇنىڭغا ئىمانى كامىل بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر بىر دۆلەت ئىنساننىڭ قەلبىدە قۇرۇلمىسا، ئەمەلىيەتتىمۇ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى .
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا 23-قېتىملىق پەزىلەتلىك خانىملار يىغىلىشىنىڭ كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى. تۆت ھەپتە داۋاملىشىدىغان «قالتىس ئايال»تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك لېكسىيەلەرگە داڭلىق پىسخولوگلاردىن ھۆرىيە خانىم، گۈلباھار خانىم، مەھلىيا خانىم ۋە مۇنىرە خانىم قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى، ھەمدە ئەۋلاد تەربىيەلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دەرس سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى، لېكسىيە ئاخىردا خۇلاسە چىقىرىلىپ، تۆت ھەپتە تولۇق قاتناشقان خانىملارغا گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1337 قېتىم كۆرۈلدى
25/07/2019 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق