21-قېتىملىق «پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلدى

 

20-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىشىۋاتقان «پەزىلەتلىك خانىم-قىزلار يىغىلىشى»نىڭ 21-قېتىملىق پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ باشاق شەھەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يۈزگە يېقىن خانىم-قىز يىغىلىشقا قاتناشتى. 

يىغىلىشتا يولدىشى مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئامىنە خانىم يولدىشى مۇختار روزىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئالدىدا يازغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. 


يېغىلىشتا يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تونۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا خانىم-قىزلارغا ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرۇش پۇرسىتى بېرىلىپ، يىغىن كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 
يىغىلىشتا يەنە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە باشقا بىر قىسىم نومۇرلار ئورۇندىلىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 

بۇ خەۋەر 1481 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2019 18:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق