2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا تەكلىپ

2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا تەكلىپ

11-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تەكلىپ قىلىمىز.
ئېچىلىش يىغىنىدا ئالدىنقى ئون قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەر، قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىلەر، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلانلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى خۇلاسە قىلىنغان مەخسۇس فىلىم كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئالدىنقى قېتىملىق مىللىي بىرلىك شۇراسىدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئىخچام ھالدا خۇلاسە قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى، كەلگۈسى نىشانى، ساقلانغان مەسىلىلەر، مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنىڭ پىلان-تەرتىپلىرى، خەلقىمىزنىڭ رېئال ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىدۇ.
11-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۈچرىشىشى، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 13-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىلىشىغا ھەرقايسى تەشكىلات يېتەكچىلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، ئۆلىمالار، زىيالىيلاردىن بولۇپ 18 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ.
2-قېتىملىق مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا باشلىنىدۇ.
ئادرېسى: ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزى

بۇ خەۋەر 2198 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2019 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق