2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى

2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 11-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 15-ئىيۇل ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن  رەئىسى، ژۇرنالىست، ئۈستاز سىراجىدىن ئەزىزى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇخان 15-ئىيۇل (15 تەمۇز ۋەقەسى) كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ: «تۈركىيە بىزنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىمىز. تۈركىيە خەلقىنىڭ توپىلاڭچىلار ئۈستىدىن ئېرىشكەن غەلىبىسى بىزنىڭمۇ غەلىبىمىز. توپىلاڭچىلار بىلەن كۈرەش قىلىپ شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شاھادىتىنى ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال ۋە دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال سۆزىدە: «مىللىي كىملىكىمىز، دىنىي كىملىكىمىزدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئالىي كېڭەش تەشكىللەش زۆرۈر بولۇپ قالدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇستاز، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا «ئسلامىيەت، مۇستەقىللىق، ئادالەت، قېرىنداشلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئاخبارات» تېمىسدا سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان ئاخباراتچىلىقىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرۇش» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

يىغىندا شەمسىقەمەر خانىم سۆز قىلىپ: «خىتاي كېچە-كۈندۈز توختىماي بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ھالەتتە بىرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئېھسان ئاتائۇللا«مۇناسىۋەتلەردە (پىروتوكول) قائىدە-تۈزۈم» تېمىسىدا سۆز قىلىپ پروتوكول سۆزىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن كشىلىك  مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، پروتوكولغا  ئەھمىيەت بەرگەن دۆلەتلەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىدا پروتوكولغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ئابدۇسالام قارىھاجىم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى «ئۆزگىرىۋاتقان خىتاي-ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇستاز ئابدۇسالام قارىھاجىم سۆزىدە: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا بىزنى باشقىلار قوللىسۇن ياكى قوللىمىسۇن، دەۋا يولىمىزدا تەۋرەنمەي ئالغا بېسىشىمىز زۆرۈر» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى سۆزىدە: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدىكى خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىش زۆرۈر. بىراق بىز ياردەمنى ئاللاھتىن كۈتۈش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مەخسۇس ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلقلەرگە سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مەزگىلىدە ھەر بىر ئائىلە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل

تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينى« ھۆكۈمەت »دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى ، خىتاينىڭ «ھۆكۈمەت » دەپ ئاتىلىش سالاھىيىتىنىڭ  يوق ئىكەنلىكىنى، بىز شەرقىي تۈركسىتان خەلقىدە خىتاي بىلەن كۆرەش قىلىش روھىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

 

 

بۇ خەۋەر 3400 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2019 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق